تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەم تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىدىن كېيىن، تاقىلىپ قالغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەم ئۇنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇش مەسىلىسى، دۇنيا جامائەتچىلىكى كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈن، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەم تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھېلىغىچە تاقاقلىق ھالەتتە تۇرۇشى؛ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، ئوبۇلقاسىم، مۇھەممەت قاتارلىقلار شۇنداقلا تور بەتلىرىدە ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، "ئۇيغۇربىز" تور بېتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، شەخسىيلەر قۇرغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئەينى چاغدا، ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت ئۆزى قۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرى تولىمۇ ئاز بولغان شارائىتتا ئۇيغۇرلارغا بىلىم بېرىش، ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن خەۋەردار قىلىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەن 21 - ئەسىردىمۇ، سىرتقى ئالەمدىن خەۋەرسىز ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا زور بوشلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىمۇ زور رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا تور بەتلىرىنى تاقاش ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى مۇساپىنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەم تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدە، يېڭىچە ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە رايونغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ ئۆزگىرىشنى ھېلىغىچە تاقاقلىق ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەم تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىشتىن باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىلا شەخسىيلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان تور بەتلىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشقان. بۇ تور بەتلىرىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بىلىم خاراكتېرلىك ساۋاتلار، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك پروگراممىلار بېرىلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، تور بەتلىرى تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىمۇ داڭلىق ئۇيغۇر توربەتلىرىدىن "ئۇيغۇر بىز"، "دىيارىم"ۋە "شەبنەم" قاتارلىق تور بەتلىرىنى "ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى بەردى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.