ئىلھام توختى: 'شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئەمما كۆڭۈللەر مۇقىم ئەمەس'

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈن بىز سىلەرگە، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بىلەن ، ئۇنىڭ فرانسىيە زىيارىتى داۋامىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ 4 ‏- قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

0:00 / 0:00

سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بۇ قىسمىدا، ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە ئۆتكەن يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىرقىسىم مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى بىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە يەنى 67 ناھىيىسىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا ۋە خىتاي قاتارلىق ئەللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى سەۋەبلىك، ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، بۇنىڭ خىتاي ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا كەلگۈسىدە ھەر ئىككىسى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىلھام توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.