ئىلھام توختى بىلەن يېڭى سۆھبەت

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بۇ يىلنىڭ بېىشىدىكى فرانسىيە زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلارنى تەنقىد قىلغان؛ بۇ سەۋەبلىك ئۇ بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ھەم ئۇ باشقۇرۇۋاتقان ئۇيغۇربىز تور بېتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

3 - ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئىلھام توختى 3 ئايغا سوزۇلغان سۈكۈتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇربىز تور بېتى ئارقىلىق يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ئاخباراتچىلىق ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىدى. ئەمما بۇ پۇرسەت بەك ئۇزۇن داۋام قىلمىدى ھەم كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ پۇرسەتنى تونۇپ بولغىچە، تور بەت ئېتىۋېتىلدى. خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ تور بەت، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنى بىئارام قىلغان ئىدى.

ئىنتېرنېتتىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا؛ بېيجىڭدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بولسا ئىلھام توختىغا مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇقلۇق، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭغا يەنىلا نەپرەت كۆزىدە قارىماقتا.

يېقىندا قولىمىزغا چۈشكەن بىر ئۇقتۇرۇشنامە بۇ ۋەزىيەتنى ئېنىق ئەكس كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇقتۇرۇشنامە دىيارىم تور شىركىتىگە ئائىت بولۇپ مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى ئىلھام توختى ناملىق ئەسەر 10 مىنۇت ئىچىدىلا، بىزگە زور ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردى. قايتا - قايتا تەكىتلىسەكمۇ باشقۇرغۇچىلىرىمىز سەگەك بولمايۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق بولىۋەرسە، دىيارىم تورىنى ئاۋارىچىلىققا مۇپتىلا قىلىۋاتقان، شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىلا، مەسئۇلىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىمىز."

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، رابىيە قادىر، سىدىق ھاجى روزى، كۈرەش كۆسەن ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تىمىلارنى تەستىقلىماسلىق بۇيرۇلغان.

ھۆكۈمەت تەرەپ ئىلھام توختىغا قارىتا مانا مۇشۇنداق سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقىنى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى داۋام قىلماقتا. مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان " قايسى ئۇيغۇرنىڭ دەردى يوق" ناملىق ماقالىدە، ئىلھام توختى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزى ئىكەنلىكى؛ ھۆكۈمەت تەرەپ راستىنلا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئويلىسا، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەرنى جازالاشنىڭ ئورنىغا مۇكاپاتلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتىنىڭ ئاالدىدا كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى. 3 ‏ - ماي كۈنى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى. شۇڭا بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

بۇ يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى ئىلھام توختىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشىدۇر. بۇ ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتە نەزەربەندتىن خالىي ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە؛ ئەمما ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ قايتا ئېچىلىپ - ئېچىلمايدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز ھالەتتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.