بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تونۇلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەردە توختالدى» دەپ قارىلىپ، تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇزۇن مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋازى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، شۋېتسارىيە رادىئوسى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئىككى ئايدىن بۇيانقى جىمجىتلىقتىن كېيىن، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان نازارىتى بوشاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋازى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىدە جاۋاب بەرگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق توختالدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز بايانىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت ھەم بىن لادەننىڭ ئەلقايدا تەشكىلاتى قاتارلىقلارغا مەجبۇرى باغلىۋېلىپ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رايونغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشىيەننىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ جاڭ چۈنشىيەننىڭ ھازىرقى خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىدىغانلىقى ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى يەنىلا كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھۋالىدا ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلغان ھېقىقى ئاپتونومىيىلىك قانۇن ئىجرا قىلىنىشىغا يەنە بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدە ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىش مەسىلىسى، تىل-مائارىپ،، ئۆرۈپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردىكى چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رايونىدا ئېچىلىۋاتقان بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختالدى. پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بۇ مەسىلەر ھەققىدە ئاڭلىتىش بېرىمىز.