ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان لېكسىيە (3)

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مىللىي سىياسىتى شۇنداقلا خىتايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنىشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە نەزەربەند قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا 2010- يىلى 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن « شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت » ناملىق لېكسىيىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا لېكسىيىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق.

«مەركىزى ھۆكۈمەت ھوقۇق مەركەزلەشكەن كۈچلۈك ھاكىمىيەت»

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدىكى ھەققىدىمۇ بىر قەدەر ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىپ، « مەركىزى ھۆكۈمەت ھوقۇق مەركەزلەشكەن كۈچلۈك ھاكىمىيەت » دەيدۇ.

ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلايدۇ: "نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ قانۇنىدا ھەرقايسى ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم مۇستەقىل تەرەققىياتىغا ھۆرمەت قىلىش بەلگىلەنگەن. مەركىزى ھۆكۈمەت دۆلەت دائىرىسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش بېكىتىلگەن. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھەتتا ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بەزى بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەتتا ئىجرا قىلماسلىق ھوقۇقى بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما رېئال ئەمەلىيەت نەزەرىيە جەھەتتىن بەلگىلەنگەن قائىدە، پرىنسىپلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. چۈنكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھوقۇق مەركەزلەشكەن بىر ھاكىمىيەت. بۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلما جەھەتتىن زور بولۇپلا قالماستىن، قانۇن بەلگىلەش ھەم قانۇننى ئىجرا قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە ھاكىمىيەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەركىزى ھۆكۈمەت يەنە پۈتۈن دۆلەتنىڭ مالىيىسى ھەم باج سىستېمىسىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، جايلاردىكى بايلىق مەنبەلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە."

«خىتايدا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار مەركىزى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز بويسۇنىدۇ»

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: "خىتايدا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل ھالدىكى مالىيە ھوقۇقى يوق، چۈنكى كۆپلىگەن خام چوت پىلانى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېسابلىنىپ، بەلگىلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزگە بويسۇنۇشى مۇقەررەر. ئەگەر يەرلىك ئورۇنلار مەركەزگە بويسۇنمىسا، مەركەزنىڭ چارە كۆرۈشى تۇرغانلا گەپ. جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت بولغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل تۈزۈم بىلەن مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا زىددىيەت مەۋجۇت. جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىدە يەنە مىللەت ئامىلىمۇ نەزەرگە ئېلىنغان. يەنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجراچىسى بولغان كومپارتىيىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي مىللىتىدىن.جۇڭگودا دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىرى ھەم ھەرقايسى مىنىستىرلارنىڭ ھەممىسى خىتاي مىللىتىدىن سايلىنىدۇ."

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىدا»

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىننىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىدا ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى ئىچىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانمۇ ئەمەلىيەتتە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىب تاپقان. مانا شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلىيەتتە خىتايلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن بىر يەرلىك ھاكىمىيەتلا خالاس. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، نەزەرىيە جەھەتتىن خىتاي كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ ئاساسى تۈزۈمى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھوقۇق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۆزى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن يەككە تۈزۈلمە ئاستىدىكى دۆلەت."

«خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدە مىللەتلەر ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلمىدى»

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چاقىرغان.

ئۇ لېكسىيىسىدە ئۆز قاراشلىرىنى ماركسىزم تەلىماتىدىكى «كومپارتىيە خىتابنامىسى» دىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلغان: "ھازىر دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، تېررورچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە پۇرسەت ھەم بازار ھازىرلاپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم تەرەققىيات سىياسىتى ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. ھاكىم مۇتلەقلىق ھەم چىرىكلىك ھەر ۋاقىت ئوتتۇرا ھەم تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. خەلق ئۆزىنىڭ بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش يولى ئېتىلىپ قالغانلىقىدىن، كىشىلىك ھوقۇق ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چېغىدا، تېررور بازار تاپقان مەزگىل بولىدۇ. بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، خىتاي مىللىتى ئۇيغۇرلارغا ھەم تىبەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۇلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ قارالماقتا. شۇڭا ئۇلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەم خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئەمما، بۇلار نۇرغۇن رايونلاردا كىشىلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقنى، ماددىي بايلىق ھەم بۇرمىلانغان ئەقلىي بايلىق، چىرىكلەشكەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولسا كېرەك. بۇلار ماركس، ئېنگىلىسلار ئوتتۇرىغا قويغان كومپارتىيە خىتابنامىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىر بىز خىتاي مىللىتىنى مۇستەملىكىچىلەر دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا ئېتىبارسىز قارىدى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالمىدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى سىياسىتى سەۋەب بولدى»

ھازىر ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاللىقاچان خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ھېقىقى ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئاپتونوم رايونىدا تامامەن چەتلەشتۈرۈلدى. مانا ئەمدى ئۆز تۇپرىقىدىمۇ ناھايىتى تېزلىكتە ھېقىقى ھالدىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇلۇش تەقدىرىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېقىقى ھالدىكى باراۋەر، ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئاسان ئەمەس. 14- مارت، 5- ئىيۇل ۋەقەسىدەك ۋەقەلەردىن كېيىن، جەمئىيەتشۇناسلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى ۋەيران بولدى دەپ قاراشماقتا. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە يەنە 2-3 يىل ياكى 10 يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟"

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت، باستۇرۇش، قورقۇتۇش ھەم ئالداش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مەنپەئەتدار گۇرۇھنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، باشقا مىللەتنىڭ ئەسلى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈشى، ھەرگىزمۇ رايوندىكى تىنچلىقنىڭ كاپالىتى ئەمەس. ئۇيغۇرلار مەڭگۈ بۇ خىل ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋېرىشكە قانائەت قىلمايدۇ، ھالبۇكى ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ خىل تەڭسىزلىك سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، دەۋرلىك ھالدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي قارشىلىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن."

«خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى زۆرۈر»

ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرلۈكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: "مەن ئىلگىرىكى لېكسىيىلىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى خىتاي مىللىتىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ھەتتا غەرب ئەللىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت مىللىي ئويغىنىش ھەم دىنىي جەھەتتە ئويغىنىش دەۋرىدە تۇرماقتا. بۇ خىل رېئال ۋەزىيەت ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىغا نىسبەتەن قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەيدۇ.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەم ھۆكۈمەتكە بولغان تەلىپىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ: "مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش قەدىمدىن تارتىپلا چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەم تىبەت مەسىلىسى قانداق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ بىز ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز، پەقەتلا ھۆكۈمەتتىن باراۋەرلىك ھەم ئادىللىق تەلەپ قىلىش."