[ ئىلھام توختى ئەپەندىOpens in new window ]
چىڭخەيدە باشلانغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش يولىدىكى تەلىپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەققانىي تەلىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز بايانىنى بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلاردا ئېغىر "يۈرەك ئاغرىقى" پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
"قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ئاغرىقى"
"قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بۇنداق داۋاملاشسا بولمايدۇ. مېنىڭچە ھازىرقىدەك كېتىۋەرسە، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق چوقۇم پارتلايدۇ. بەلكىم بۇ يىل بىرەر نارازىلىق ھەرىكىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، كېلەر يىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى بولىدۇ. قانچە كېچىكىپ پارتلىسا ۋەقە شۇنچە چوڭ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى مەسىلىسى ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ تىل مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بەزىلەر دەيدۇ تۇڭگاننىڭ تىلى يوق، ئەمما يەنىلا مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ. ئەمما، بىز قاراپ باقايلى، تۇڭگانلار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا خىتاي تىلى ئۇلارنىڭ ئەسلى تىلى ئىدى. تۇڭگانلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق. ئۇلار خىتاي مىللىتىدىن بۆلۈنۈپ چىققانلار. بۇ جەھەتتىن ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى تۇڭگانلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى تۇڭگانلارنىڭ تىلىغىمۇ ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزىگە خاس مۇكەممەل تىل قانۇنىيىتىنى يارىتىپ بولدى. ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى دېمەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋولى. تىل دېگەنلىك مىللەت دېگەنلىك، مىللەت دېگەنلىك تىل دېگەنلىك. ئۇيغۇرلاردا تىل تارىخى، مىللەت تارىخى بىلەن بىللە كەلدى. ئۇيغۇر تىلى ئاجىزلاشتى دېمەك، بۇ مىللەت ئاجىزلاشتى دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ جېنى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بۇ مىللەتنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدۇ ئەلۋەتتە."
"ھازىرقى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغدىشى قانۇنى ھوقۇقى"
[ ئىلھام توختى ئەپەندىOpens in new window ]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدىكى ھەرىكەتلىرىنى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ " تۈركى تىللار دىۋانى" نى يېزىپ چىقىش جەريانىنى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەب ھەم پارس تىلى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان مەزگىللەردە، تۈركى تىلىنىڭ بۇ تىللار بىلەن بەيگىگە چۈشەلىگىدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز تارىخىدا ئانا تىلىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىلگىرىكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھازىرقى دەۋردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قانۇنى ھوقۇقى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"ھازىرقى دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا، ئىنتېرنېت دۇنياسى. ئۇيغۇرلار دۇنيا تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. گەرچە بۇ دۆلەتتىكى قانۇن مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئۆزى يازغان، ئۆزى بېكىتكەن قانۇننى بەزىدە دەپسەندە قىلسىمۇ، تۈزۈپ قويۇپ ئىجرا قىلمىسىمۇ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش خەلقنىڭ قانۇنى ھوقۇقى. خەلق بۇ ھوقۇقنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيىدۇ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. "
"مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىدۇ"
ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
"ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقىنى قوش تىللىق مائارىپ ئەمەس، بەلكى ئانا تىلنى يوقىتىش مائارىپى. ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ھەر خىل كەسپى ساھەدە يۈكسىلىش ئۈچۈن باشقا تىللارنى ئۆگىنىدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى كانادا، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە قوش تىللىق مائارىپ بار. ئەمما بۇ دۆلەتلەردە ھېچقاچان مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغان. ھازىرقىدەك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەتتا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ئانا سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدايدۇ. ھازىرقى ئىجتىمائىي سىياسىي مۇھىت سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش مۇھىتى كەمچىل بولماقتا. ئەمما بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ"قا نارازىلىقى يوق دەپ چۈشەنسە خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى خەلقنىڭ قەلبىدىكى نارازىلىق ھەرقاچان كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ھازىر تىبەتلەردە "قوش تىللىق مائارىپ" قا بولغان نارازىلىق بۇ خىل مائارىپ يولغا قويۇلماي تۇرۇپ باشلاندى. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا بۇ ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولدى. شۇڭا ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى ھازىر پۈتۈن مىللەت بويىچە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئاللىقاچان ئايلىنىپ بولدى.شۇڭا ئەگەر مۇشۇ سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتقانلار خەلقنىڭ رايىغا باقمىسا، ھامان چوڭ ۋەقە چىقىدۇ. شەخسەن مەنمۇ بېيجىڭدا ياشاۋاتقىنىم بىلەن بالىلىرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن. ئۆيدە ئۇيغۇر تىلىنى چىڭ تۇتىمەن."
ئۇ، "سىزنىڭچە تىبەتلەرنىڭ بۇ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تىبەتلەرگە قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئاستىلىتىشى مۇمكىنمۇ؟" دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "چىڭخەي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، چىڭخەي ھۆكۈمىتى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ"سىياسىتىنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندا مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن خەلق رايىغا ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى، ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مېنىڭچە بۇ بىر ئاكتىپ ئىنكاس، ياخشى ئەھۋال ھەم مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك."
ئىلھام توختى ئەپەندى ئارقىدىنلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ " سىياسىتىنىڭ خەلقنىڭ رايىغا خىلاپ ھالدا خاتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، چىڭخەي ھۆكۈمىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى تەنقىدلىدى.
"بىر مىللەتنىڭ تىلىنى خەلقنىڭ پىكرىنى ئالماي، ئۇ مىللەتنىڭ مائارىپىنى، تىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھېچكىم قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئىش. شۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا شۇ مىللەتنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. شۇنداق، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم، ئەمما بۇ تىلنى ئۆگىنىش قانداقتۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەكىتلەۋاتقاندەك ھېچقاچان بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىن مۇھىم ئەمەس. خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك، ئەمما ئالدى بىلەن ئانا تىلنى، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ياخشى بىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چوقۇم ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى بىلەن مىللىي مائارىپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك! ئەگەر بۇ سىياسەت شىنجاڭدا توغرا ئىجرا قىلىنمىسا، شىنجاڭدا چوقۇم چوڭ ئىش چىقىدۇ! بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بولمايدۇ. ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەتنى، بىر تىلنى ھۆرمەتلەش كېرەك. چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن."
"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما تۈزىتىشكە تىرىشمىدى"
ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ " سىزنىڭچە چىڭخەي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە بەرگەن جاۋابىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىزنىڭچە، ئۇلار ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تۈزىتەرمۇ ؟ " دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە تىرىشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
"مېنىڭچە، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى رايوندا مەسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەت نازۇك ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى ئويلىنىشى مۇمكىن. بۇ پەقەتلا چىڭخەيدىكى مەسىلىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن بىر سىگنال. مىللەتنىڭ تىل مەسىلىسى بىلەن ئويناشسا، بۇنىڭدىن مەسىلە چىقىدىغىنى ئېنىق. ئەگەر مەسىلە چىقسا ھۆكۈمەت رايوندا قوغدىماقچى بولغان مۇقىملىق ۋەزىيىتىگىلا تەسىر يېتىپ قالماستىن، بەلكى شۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئولتۇرغان ئورۇندۇقىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار شەخسىيىتى نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدۇ. ئەمما، مەن دەۋاتقان مۇھىم نۇقتا تىل تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقى، تىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى، بۇ قانۇنى پرىنسىپ. بىر مىللەتنى ھۆرمەتلەش كېرەك، بىر تىلنى ھۆرمەتلەش كېرەك. شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئالدى بىلەن قانۇننى ھۆرمەتلەش كېرەك. بۇ مۇرەسسە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس."
"بىز ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار"
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "تىل ھەققىدە سۆزلەش دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ نۇقتىدىن ئادەمنى سولاپ قويسا، بۇ نۇقتىدىن ئادەمنى خاتالاشتى دېسە، بۇ خاتالىقنى ئۈستىمىزگە ئالساقمۇ مەيلى. چۈنكى بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىز خاتا ئەمەس. چۈنكى ھازىر دۆلەت قانۇنىنى تۈزگەنلەر ئۆزى خاتا قىلىۋاتىدۇ. ئانا تىلنى قوغدىغۇچىلارنى جازالاش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈۋاتقانلار، شۇ خىل سىياسەتنى تۈزگەنلەر ئۆزى خاتالاشتى. ئەگەر يەرلىك ئورۇنلار يەرلىك سىياسەتنى دۆلەت قانۇنىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلسا، بۇ خىل ئەھۋال خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ."
سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۆزى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەم بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي زىيانلىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. ئەتىكى پروگراممىمىزدا سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى تونۇشتۇرىمىز.