ئىلشات: 'بۆلگۈنچىلىكنى كىم قىلىۋاتىدۇ؟'

يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە يېزىلغان خىتاي تىلىدىكى ماقالىلىرى بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى.

0:00 / 0:00

ئىلشات ئەپەندىنىڭ، "شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئورنى توغرىسىدا"، "بىز خىتايلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟" "خىتاي كومپارتىيىسى، سەن ئۆزۈڭ بىزگە بۆلگۈنچىلىك سالغان" دېگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۈگۈن ئىلشات ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي تىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ۋە بۇ ماقالىلەرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان ئوبيېكتىپ ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.