خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان، خىتاي ئولىمپىكىگە، خىتايدىكى ھەر ساھە زۇلۇملارغا قارشى ئىمزا توپلاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتكە يۈزمىڭلىغان كىشى ئاۋاز قوشقان.
خۇجىنتاۋ ۋە خىتاي كونسۇلىغا خەت
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش سېكرىتارى باربارا خانىمنىڭ 13 - ئىيۇل كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋغا، توپلانغان 118 مىڭ كىشىلىك ئىمزانى يوللىغان ۋە بۇ تەشكىلات نامىدىن خەت ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 14 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسىگە بۇ ئىمزالار بىلەن بىرگە، ئوچۇق خەت يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن ئىرەنە كان نامىدا خۇجىنتاۋغا قارىتىپ يېزىلغان خەتتە يەنە، ھازىرغا قەدەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن ۋە ئولىمپىكتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئولىمپىك مېدالىغا قارشى مېدال
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 13 - ئىيۇلدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر پائالىيەتلەر جەريانىدا، ھەر بىر شەھەردە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قۇربانلىرىغا ئائىت دەلىل - ئىسپاتلار كۆرگەزمە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خىتايلار ئىچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئارخىپلىرى كۆرسىتىلگەن. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ماتېرىياللار تارقىتىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا 10 مىڭ 500 دانە مېدال تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇنىڭغا قارشى ھالدا "ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال" نى يولغا قويغان ھەمدە ئولىمپىك مېداللىرىدىن ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن تارقىتىلىدىغان ئالتۇن مېدالىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە يول قويۇش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بولغان بېسىمنى توختىتىش قاتارلىق بىر تالاي شۇئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان.
جاۋابكارلىق خىتاينىڭ ئۈستىدە
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى ئولىمپىككە ئائىت خەۋىرىدە، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق قاتتىق قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ 180 قېتىمدىن ئارتۇق ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقى غەرب ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردى
گېرمانىيە 2 - تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 14 - ئىيۇل كۈنى كۆرسىتىلگەن "ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي تەھدىتىدىن چۆچىمەكتە" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدە ئالغا سۈرۈلگەن پىكىرلەر تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. 20 يىلدىن ئارتۇق بىر زامان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن گېرمانىيىلىك خىتاي مۇتەخەسسىسى دىتمار شۇلىز ئەپەندى بۇ فىلىمدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق ۋە نۇقتىلىق توختالغان.
"ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە يولۇقماقتا، تىبەتلىكلەر ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بۇ زۇلۇمنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلماقتا" دەپ سۆزىنى باشلىغان دىتمار شۇلىز ئەپەندى، خىتاي ئىستاتىستىكىسىدىكى 8 مىليون 300 مىڭ نوپۇسلۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ھەقلىرى تارتىپ ئېلىنماقتا
"خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۆيگە جەم بولغان 15 نەپەر ئۇيغۇرنى جىھادچىلار، دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ بەش نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي تەرەپ 82 نەپەر ئۇيغۇر تېررورىستلىرىنى قولغا ئالغان. ئۇلار ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلەندى" دەپ سۆزىنى داۋام قىلغان دىتمار شۇلىز ئەپەندى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانلىق ۋاستىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دىتمار شۇلىز ئەپەندى يەنە، خىتايدىكى پەن - تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسنىڭ %92 ئىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاياتلىق ھەقلىرىنىڭ تامامەن تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.