خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپانامىسىغا 61 يىل

10 - دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. بۇ كۈندە بۇندىن 61 يىل ئىلگىرى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ كۈن شۇندىن ئېتىبارەن ھەر يىلى خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ دۇنيادا مىللىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن بۈگۈن ئېلان قىلغان تېلېۋىزىيە باياناتىدOpens in new window ]

ا دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنى مىللىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بان كىمۇن، دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مىللىي كەمسىتىشتىن خالى ئەمەسلىكى، بۇنىڭ ھەر خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: "مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلار ئاياللار، بالىلار ۋە نامراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆچمەنلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار 'ئوخشىمايدىغانلار' دەپ قارىلىپ، ئاساسىي ئېقىمدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا، ئەمما ئۇلار يالغۇز ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇلار بىلەن بىرگە."

بان كىمۇن يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، بولۇپمۇ ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مىللىي كەمسىتىشنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەردە چەكلەنگەنلىكى، ئەمما يالغۇز ئابستراكت ۋەدىلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىمەن."

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ناۋى پىللايمۇ ئۆز ئالدىغا بايانات ئېلان قىلىپ، مىللىي كەمسىتمەسلىك چۈشەنچىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ باياناتىدا " ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى" دىن نەقىل ئېلىپ: " ئۇنىۋېرسال خىتاپنامىنىڭ 30 - ماددىسى 26 - تارمىقى مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ. " ھەممە ئادەم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى، بۇنىڭدىن ھېچكىم چەتتە قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك. بارچە ئىنسان قەدىر قىممەت ۋە ھوقۇق جەھەتتە ھۆر ۋە باپ باراۋەر تۇغۇلغان. ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش تۈپتىن يوقىتىلىشى كېرەك."

خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى 1948 - يىلى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر خىتاپنامە ئېلان قىلىنغىنىغا بۇ يىل 61 يىل بولدى. بۇ ھەقتە تېلېۋىزىيە بايانات بەرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ناۋى پىللاي خانىم ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:" ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قاراپ باقايلى. ئۇلار ھەممىسى بىر بىرىدىن پەرقلىق. لېكىن، ھەممەيلەن ئالدى بىلەن ئىنسانمىز."

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ھەنري شاجەفىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش يەنىلا ئېغىر ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: " خىتايدا بۇ خىل پرىنسىپلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلمىدى. بولۇپمۇ ئىقتىساد ۋە تەربىيىلىنىش جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار خىتاي خەلقىگە قارىغاندا باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدى."

ئۇ يەنە، خىتاي باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە خىتايلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامراتلىق نىسبىتى يۇقىرىلىقى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا ئېنىق قىلىپ "خىتايلار قوبۇل قىلىنىدۇ" دېگەن ئۇچۇرلارنى دائىم كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلار ۋە مىللىي كەمسىتىشكەئە خاتىمە بېرىش ھەققىدە توختالغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى پىللاي خانىم، ئەگەر مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا ئۇنىڭ زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:" ھەر قانداق بىر ئىنسان مىللىي تەركىبى، جىنسىي ئايرىمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە دۇنيا قارىشىدىكى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك."

شاجەفىسكى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە يەنە، گەرچە خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆز - پىكىر ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمايدىكەن.

شاجەفىسكى ئەپەندى مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بەك ئېغىر. ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەتكە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى يوق. ئۇيغۇرلار مەتبۇئاتلاردا ئۆز پىكىرلىرىنى ئېلان قىلالاميدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ ئېغىر دەرىجىدە چەكلەنگەن."

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى جەھەتتە ھەر يىلى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتلاردا خىتاينى ئەيىبلەپلا قالماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتى بۇ يىل ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىمۇ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.