بۈگۈن ب ب س خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ ئەھۋالى "ئىنتېرنېت تۈرمىسى"گە ئوخشىتىلغان. بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان جوش ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئېلان قىلغان.
قىسقىسى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى ھەر بىر كىشىگە ئوخشىمىغان شەكىللەردە زىيان ئېلىپ كەلدى.
جوش ئىسىملىك بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ماقالىسى BBC خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "تېخى يېقىنغىچە، مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم خەلقئارالىق تېلېفونلارنىڭ ئېچىلىپ، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئائىلەم بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى. ئۈرۈمچىدە ئېتنىك توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن 6 ئايدىن بۇيان، بىز بۇ يەردە تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېتتىن مەھرۇم ھالدا ياشىدۇق. رودژىستىۋا بايرىقىدىن كېيىن بىز ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قاتارلىق باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن مەن تۇرۇۋاتقان قاراماي شەھىرى ھاياجانغا چۆمگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇ ھاياجىنىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە كىرىش يەنىلا ئىمكانسىز بولۇپ، پەقەت ھەر ئىككىلىسى ھۆكۈمەت تور بېتى بولغان شىنخۇا ۋە خەلق گېزىتى تورىلا ئېچىلغان ئىدى."
خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت "خەلقنىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5 - فېۋرال سائەت 24 تىن باشلاپ، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى، تور ئابونىتلىرى ياخشى كۆرىدىغان شىنجاڭ سىرتىدىكى 27 خىل تور بېتى كەينى -كەينىدىن چەكلىك دائىرىدە ئېچىلىدۇ" دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما بۇ تور بەتلەرنىڭ يەنىلا ئاساسەن ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خەۋەر - ئۇچۇر تورلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. يەنى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا ھەقىقىي كېرەكلىك ئېلخەت، مۇنبەر، داڭلىق تور بەتلىرى ۋە ئىزدەش ماتورلىرى يەنىلا تاقاق ئىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان جوش ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇپ ئىنتېرنېتقا كىرمەكچى بولسىڭىز، بۇ يەردە ئېلخەت يوق، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىمۇ يوق. ئۇچۇر ئىزدەش ماتورلىرىمۇ ئىشلىمەيدۇ. يەنى پۈتكۈل سىستېما تامامەن پەرقلىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز خىتاينىڭ قاتمۇ - قات 'ئوت تاملىرى' ئىچىدە قالدۇق. بۇ يەردە مەيلى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق تىجارەت قىلىدىغانلار بولسۇن ھەممىسى ناھايىتى قېيىن ئەھۋالدا قالدى. ئەمما كىشىلەر بۇ خىل ۋەزىيەتكىمۇ تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر بىر كۈنى ھەممە نەرسىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى ئارزۇ قىلىشماقتا. ئەمما ھۆكۈمەت تېخى بۇ ھەقتە ئېنىق ۋاقىت بىلدۈرگىنى يوق."
جوش ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەلقئارا تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى مۇنداق دەپ ئىپادىلەيدۇ: "ئۇيغۇر دىيارىدا ئاخىرى خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرى ئەسلىگە كەلدى. ھازىر مەن شەخسى تېلېفونۇم ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئائىلەم بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان بولدۇم. ئەمدى مەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ' ئىنتېرنېت تۈرمىسى' دىن قۇتۇلىدىغان كۈنىنىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشنى كۈتمەكتىمەن."
گەرچە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر نەچچە تور بەتلىرىنى ئېچىپ، "خەلقنىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ پەقەت بىر ئويۇندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا.
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە تورنى ئېچىپ قويۇش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى تورلارنىڭ يەنىلا تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى مىللىي كەمسىتىش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تورلىرىنىڭلا ئېچىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار كۆرۈپ ئادەتلەنگەن يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تورنىڭ تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.