ئىران ۋە خىتاي، ئۇچۇر ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا

بۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق رادىئو - تېلېۋىزىيە ئورگانلىرى بولغان ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە گېرمانىيە ئاۋازى دەپ بىلىنىدىغان دوچچې ۋېللې قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ئىراننى ئەيىبلىدى. ئۇلار ئىراننىڭ ئېلېكترونىك دولقۇنلار ئارقىلىق بۇ ئورگانلارنىڭ ئىراندىكى تارقىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئىراندا بۇلتۇر 6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان جۇمھۇر رەئىسى سايلىمىدا ئەخمەدى نېجاد قايتىدىن سايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىراندىكى خەلقلەر سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زور كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن ۋە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن ئىدى. كۈنلەرچە داۋام قىلغان نامايىشتا يۈز مىڭلارچە خەلق كوچىلارغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇۇرۇلۇپ، ئۆكتىچىلەر قاتتىق جازالاندى. ئىران ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بۇ نامايىشچىلارغا جازا بېرىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىراندىكى ئىچكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي تۇرماقتا.

ئىران ھۆكۈمىتى يەنە ھەرخىل ئالاقە ۋاستىلىرىنىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ، قىسقا ئۇچۇر ۋە چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىنىمۇ كونترول ئاستىغا ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببسنىڭ دېيىشچە، ئىران گوگۇل ۋە باشقا ئىنتېرنېت تورلىرىنىمۇ ئىراندا ئېچىلمايدىغان قىلىۋەتكەن.

بۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئەنگىلىيىدىن تارقىتىلىدىغان ب ب س شىركىتى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە گېرمانىيىنىڭ بون ۋە ميۇنخېن شەھەرلىرىدىن تارقىتىلىدىغان "دويچې ۋېللې" قاتارلىق رادىئو - تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشلىرى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئېلىكترونلۇق دولقۇنلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىنى قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئىراننىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىراندىكى ئىسلام دەۋرىنىڭ 31 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە ئىراندا ۋەزىيەت قايتىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىران تۈنۈگۈندىن بېرى بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلغان ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پ ج كروۋلىيمۇ ئىراننىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " بۇ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىدىن قورقىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق بىر ئىپادىسى" دېدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بولسا، ئىراننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ ئاخباراتقا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بېرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ توغرا ۋە ھەقىقىي ئاخباراتقا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋالغان ئىدى. بۇ ھەقتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ۋە پۈتۈن تەشۋىقات قوراللىرىنى قوللىنىپ، خەلقئارا ۋە ئىچكى قىسىمدا بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى"نى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئىنتېرنېتنى تاقاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېغىر مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاڭلىتىشلىرىنىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىمۇ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان دولقۇن بۇزۇش ئىستانسىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلمەكتە. رادىئومىزغا كەلگەن ئىشەنچلىك ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئاخباراتقا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، ھەتتا رادىئومىزنىڭ ئاڭلىتىشىنى قوبۇل قىلالايدىغان رادىئو ساقلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ئاختۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ رادىئولىرى مۇسادىرە قىلىنغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇچۇر ئالاقىگە بولغان كونتروللۇقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئاتالمىش "ئۇيدۇرما" تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا زەربە بېربېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت خىزمىتى چەكلىك دائىرىدە ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولغان ۋە ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنى قويىدىغان تور بەتلەرلا چەكلىك دائىرىدە ئېچىلدى. ئەمما ئېلخەت ۋە مۇنبەرلەر ئىلگىرىكىدەكلا تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن دىيارىم، سەلكىن قاتارلىق ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان تور بەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بولسا ھېلىھەم بىر خەۋەر يوق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.