«شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق» دېگەن يىغىن ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2012‏-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ئىرقى قىرغىنچىلىقى» دېگەن نامدا يىغىن ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن ئىستانبۇلنىڭ فىندىقزادىگە جايلاشقان ساراي توي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

«شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق» دېگەن يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 13-ماي، تۈركىيە.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يىلماز شاھىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە جالالبايىر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇسېلىم ئۆتۈكۈن قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى. يىغىنغا پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يىلماز شاھىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«قەدىمى تارىخ دەۋرىدىن بۇيان تۈرك مىللىتىنىڭ قەدىمى يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنى 1759-يىلدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدا قالدى. شەرقىي تۈركىستاندا، 1863-يىلى، 1933-يىلى ۋە 1944-يىللاردا مۇستەقىللىق كۈرەش نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئۈچ مۇستەقىل دۆلەت خىتاي ۋە رۇس ۋە ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئويۇنلىرى بىلەن يوق قىلىندى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن نەچچە مىڭلىغان دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. خانىم-قىزلىرىمىز ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئىشقا سېلىش مەقسىتىدە كۆچۈردى.»

يىلماز شاھىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياشلىرى قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئۆلۈم نۆۋىتىنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززەت-ئابرۇيى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقان بۇ مۇھىتتىن ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشقا مۇۋەپپەقىيەت بولغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلمەكتە. دۇنيانىڭ ئەڭ ئاجىز، ئەڭ مەزلۇم ۋە ئىگە-چاقىسىز قالغان مىللەت ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن پاناھلىق تەلەپ قىلغان دۆلەتلەردە، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئەندىشە قىلىپ، يۇرتىدا قالغان ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىشتىن قورقماقتا. ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تۈركلەرگە ۋە تۈرك تىلىغا دۈشمەنلىك قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى ئۇ يەردە چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇ سۆزنى تىلغا ئالغان ھەر قانداق كىشى دەرھال ۋەتەن خائىنى ۋە تېررورچى دەپ تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە قامىلىدۇ.»

يىلماز شاھىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋەزىيەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى بولسا مۇسۇلمان تۈرك نوپۇسىنى ئازايتىش ۋە تەدرىجىي بىر مىللەتنى تارىخ سەھنىسىدىن يوق قىلىش. شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبا سىناق قىلىش بىلەن مۇھىتنى بۇلغاش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تۇغۇت چەكلەش، تۇتقۇن قىلىنغان ئىنسانلارنى يوق قىلىش، گۇرۇپ-گۇرۇپ تۇتقۇن قىلىپ يوق قىلىش بىلەن ئىنسانىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ب د ت نىڭ پرىنسىپى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرمەكتە. بۇ ۋەزىيەت بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۈندىلىك ياشاش ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى تېخىمۇ ئاسان ۋە ھېچ قانداق توسالغۇسىز سۈمۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر».

يىغىندا يەنە دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە خىزمەت قىلىش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا يەنە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتى توغرىسىدا بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى يىلماز شاھىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يىلماز شاھىن ئەپەندى، جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ قەلبىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە سوقىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ئىنسانلارغا كوچىلاردا ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ئورتاق بولۇش، زۇلۇمنى توختات! دەپ ۋارقىراش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. بۇ يولدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۇ يەردە زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاللادىن ئەجىر كۈتۈپ بۇ يولغا ئاتلاندۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتكۈل شەخس ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت-پائالىيەت قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز.»

يىلماز شاھىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان نامىدا جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت قىلىدىغان تۈركىيە تۈركلەرنىڭ نامىدا بىرەر ئىجتىمائىي جەمئىيەت يوقلۇقىنى ھېس قىلدۇق ۋە بۇنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ بوشلۇقنى تولۇقلاش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتى نامىدا جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقتۇق. مەقسىتىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسىنى بىلمەيدىغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلگىرى بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئىنسانلارغا ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت-پائالىيەت قىلىش. بىزنىڭ جەمئىيەت رەسمىي قانۇنلۇق يول بىلەن قۇرۇلدى ۋە قانۇنلۇق يول بىلەن خىزمەت قىلىمىز.»

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتى، يېقىندا بىر گۇرۇپپا تۈركلەر تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان جەمئىيەت بولۇپ، بۇ جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.