2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ چاغلىيان مەيدانىدا "شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىقى ۋە زۇلۇمغا لەنەت ئوقۇش " نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە 250 جەمئىيەت ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق بولۇپ 100مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشىتراك قىلدى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيىدىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردۇغانغا،تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىغا تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان يىغىنغا قاتناشقان پۈتكۈل كىشىلەر قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇك كۆك بايراقنى كۈتۈرۈۋالغان.
يىغىن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 17 دە باشلىنىپ 20 دە ئارخىرلاشتى. 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك جەمئىيەتلەرنىڭ باشلىقلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىن جەرياندا، كىشىلەر، زۇلۇمغا قارشى مۆرىنى مۆرىگە تىرەش! مۇسۇلمان زۇلۇمغا باش ئەگمەيدۇ! قاتىل خىتاي ھەددىڭدىن ئاشما، سەبىرىمىزنى تاشۇرما! تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانغا ساھىب چىق! ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان! دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى. يىغىندا باشتىن - ئاخىرغىچە شۇئار توۋلاشلار توختاپ قالمىدى.
يىغىندا تۈركىيە مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت گۈندوغدۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركسىتانلىق بالىلارغا سالام! شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارغا سالام! شەرقىي تۈركسىتانلىق قارشىلاشقۇچىلارغا سالام! مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولغانلارغا سالام! چاغلىيان مەيدانىنى تولدۇرغان 100 مىڭلارچە كىشىلەرگە سالام! شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئىشغال قىلغان كۈندىن بۇيان مەزلۇم ۋە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئامنى سەۋەبسىز داۋام قىلىۋاتقان ئىشغالچى، مىللەتچى، قىرغىنچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىغا قارشى سەبىر ۋە ئىززەت بىلەن قارشىلاشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە، پەسكەشلىك بىلەن ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلاپ ياش قىزلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ غەيرى مۇناسىپ ئورۇنلاردا ئىشلىتىپ، ياش ئوغۇللارنى جازا لاگېرىدا ئەسىرگە ئوخشاش ئىشلەتمەكتە. ئاياللىرىغا پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا بىگۇناھ ۋە قۇرالسىز يۈزلەرچە ئىنسانلارنى يول ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق - ئاشكارا ئۆلتۈرۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلىپ قالماي ھېچ تەپتارتىماستىن ئەقىل ۋە خىيالغا كەلمىگەن شەكىلدە ھەرىكەت قىلىپ مەسۇم بۇۋاقلار ۋە ئاياللار ياشاۋاتقان قۇرالسىز ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلماقتا.
قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم! قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن يوق بولۇپ كەتكەنگە قەدەر، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنگە قەدەر، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىزىل خىتاينىڭ ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتىدىن ۋە زۇلۇمىدىن قۇتۇلغانغا قەدەر قوللاش - قۇۋۋەتلەش داۋام قىلىش كېرەك. مەدەنىي دۆلەتلەردىن بۇ ۋەھشىيىلىكنى توختات دەپ بىر ئاۋازنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. قەيەردە ب د ت ؟ قەيەردە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى!؟ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى قەيەردە!؟ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى قەيەردە!؟ ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى قەيەردە!؟
يىغىندا يەنە، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا ساھىب چىقىش، زۇلۇمنى توختىتىش، مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇنچىۋالا ۋەقە يۈز بېرىۋاتقاندا، دۇنيانىڭ ھۆررىيتىدىن، ئازادلىقىدىن، ئادالەتتىن ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن سۆز قىلىۋاتقان رەھبەرلەر قەيەردە ؟ سىزنىڭ ئاڭلىغىنىڭىزنى ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار يان يېتىپ ياشايدۇ، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بۈگۈنمۇ سۈكۈت ئىچىدە ياتماقتا. بۇ زۇلۇمغا يەنە بىر قېتىم لەنەت ئوقۇيمىز . قەيەردە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، قەيەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ئوباما؟ قەيەردە ئۇ ئىنسان ھەقلىرى؟ قەيەردە ئۇ ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى، قەيەردە ئۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باش مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت رەئىسلىرى؟
پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆزىدە يەنە 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خاتىرىلىتىپ مۇنداق دېدى:
تانكىنىڭ ئالدىدا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئۇ ياش ئادەمنى نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تېلىۋېزىيە قاناللىرى قەيەردە؟ يولدىشىم قەيەردە؟ ئوغلۇم قەيەردە دەپ ۋاقىراپ يىغلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نېمە ئۈچۈن كۆرسەتمەيدۇ؟
پروئېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى مىللىي سالاھىيتى ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن يوق ئېتىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئىنسانلار سۈرگۈن قىلىندى. پەرزەنتلىرى قوللىرىدىن تارتىۋېلىندى. مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈلدى. كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى. ئۈرۈمچىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى سۈمۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلار يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىق جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ باي رايونى ئەمما ئەڭ كەمبەغەل خەلقى .
پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆزىدە يەنە، تۈركىيە باش مىنىستىرىغا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپ ۋە تەكلىپ سۇندى ۋە ئۇ تەكلىپنى ئوقۇپ ئۆتتى.
-- تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى دەرھال يىغىن ئېچىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى مەخپىي يىغىندا سۆھبەتلىشىش.
-- بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنى، ب د ت نى دەرھال ھەرىكەتلەندۈرۈش لازىم.
-- ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا غەرب دۆلەتلىرىدە خىزمەت ئىشلەش لازىم.
-- ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇ رايونغا ياردەم قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىش لازىم.
-- تۈركىيىدە مۇساپىر ھالەتتە ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش لازىم ۋە ئۇلارغا پاسپورت بېرىلىشى لازىم.
-- "تۈركىيە - خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى" دىكى پۈتكۈل پارلامېنت ئەزالىرى بۈگۈن ئىچىدىلا ھەممىسى ئىستىپا ئېتىشى لازىم ۋە ئىستىپا ئېتىشنىڭ سەۋەبى ئېلان قىلىش لازىم.
بىز يىغىن ئاخىرىدا ئاۋستىرالىيىدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.