ئىستانبۇلدا 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 1997 ‏- يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

2010 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى سائەت 15: 00 تە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە 1997 ‏- يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇراسىم قۇرئان كەرىم ئوقۇش ۋە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا يەنە 1944 ‏- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى دوكتور قۇتلۇقخان تۆرە سۆز قىلىپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قانلىق ۋەقە ھەققىدە توختالدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىد بولغانلار ۋە تۈرمىگە قامالغانلار ھەققىدە توختالدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك سۆز قىلىپ، 1997 ‏- يىلى غۇلجىدا ۋەقە يۈز بەرگەن جەريانىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلقىنى خىتايغا قارشى چىققانلىقى، ھەتتا بۇ ۋەقە جەريانىدا 1997 ‏- يىلى، تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، دەپ ئۆتتى.

شۇنى كۈنى كەچتە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ۋە تۈرمىگە قامالغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا جەمئىيەت باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان رىياسەتلىك قىلدى، مۇراسىمدا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، غۇلجا ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەدىن ئېلىنغان ساۋاقلار ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىمغا يەنە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغلى دوكتور قۇتلۇق خان تۆرە غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن دادىسى ئەلىخان تۈرەمنىڭ بىر قانچە مۇھىم نەسىھەتلىرىنى دەپ ئۆتتى. كېيىن يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئاتاۋۇللاھ قارى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار سۆز قىلىپ 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئەھمىيىتى، بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختالدى. مۇراسىم 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ مۇراسىم ئاخىرىدا زىياپەت بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.