ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ناملىق يىغىن ئېچىلدى

2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياۋروئاسىيا بىر ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا ' خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئاقتاش، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى سەرۋەت قاپاقلى قاتارلىق يازغۇچى، سىياسىيون ، تەتقىقاتچى ۋە دۆلەت مەمۇرلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق شەخس قاتناشتى. يىغىنغا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال نەجدات تېمور ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتۇر ئەخەت ئەندىجان 'خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى' تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا سەھنىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى.

پروفېسسور دوكتۇر ئەخەت ئەندىجان مۇنداق دېدى: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىرىنى يوقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ساھەدە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ھازىر قازاقىستاندا كۆمۈر بىلەن ماڭىدىغان بەك چوك بىر توك ئېلېكتىر مەركىزى، قىرغىزىستانغا بىر توك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن ۋە تۈركمەنىستاندا تەبىئىى گاز مەركەزلىرىگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇ يەرلەرگە مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆزلىگەن بىر مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت ۋە تەبئىي گازنى پاكىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق يۆتكەشتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خىتايغا نىسبەتەن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ كونترولدىن ئۇزاق بولغان بىر تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئېنېرگىيە يۆتكەش بىخەتەرلىكىنى قوغداش. خىتاي بۇنى ئەمەلىيىلەشتۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تىرىشچانلىق قىلماقتا.

ئەخەت ئەندىجان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ تۈرك جۇغراپىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى پەقەت ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە ئەمەس بەلكى بۇ تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇھىم بىر رول ئوينايدۇ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنلا بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا ھازىر 400 مىڭ ئۇيغۇر تۈركلەر ياشايدۇ، بۇ يەرلەردە شەرقىي تۈركىستانلىق بىر كۈچ بار، خىتاي بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە 1992 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە قۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىئارام بولدى. 1994 ‏- يىلى خىتاينىڭ ئۇ دەۋردىكى باش مىنىستىرى لى پىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە بىر شەرت قويدى، ئەگەر بىز بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىسىڭىز، بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنى قوللىمايسىلەر، ئىككىنچى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايسىلەر، دەپ شەرت قىلدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي قايسى دۆلەت بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتسا ئالدى بىلەن، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتماسلىق ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنى شەرت قىلىدۇ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرسى بۇ. ئوخشاش شەرتنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قوللاندى ۋە بۇنىڭدا نەتىجە قازاندى. ھەقىقەتەن، تاشقى سەرمايىگە، پەن ‏- تېخنىكىغا ئېھتىياجى بولغان تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر خىتاينىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ مۇناسىۋەت ئورناتتى.

ئەخەت ئەندىجان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خىتايدا جىددى بىر سەرمايە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى، ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن دىڭشاۋپىڭ ئىسىملىك شەخس ھاكىمىيەتنى كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن مەركەزدىكى كوممۇنىست سىستېمىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە سەرمايىنىڭ ئىقتىساد ئەركىنلىكىنى ئەمەلىيىلەشتۇرۇشكە ئالاقىدار بىر ئىش پىلان باشلىدى، ۋە بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغانلىقىنى دەپ ئۆتىمىز، ئەمما بۇنىڭ تەبىئىى نەتىجىسى خىتايدا دۆلەتنىڭ كونترول سىرتىدا چوڭ بىر ئىقتىسادنى مەيدانغا چىقاردى، ۋە بىر پۇرژىئازىيە سىنىپى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ سىنىپ خىتاينىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇشقا باشلايدۇ، خىتايدا ئاستا ‏- ئاستا دېموكراتىيىلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ، ئەگەر بۇ دېموكراتلىشىش دەۋرىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىسە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، خىتاي پارچىلىنىدۇ دەپ قويۇشنى خالىمايمەن ئەمما خىتاينىڭ پارچىلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىمىز. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان تاشقى دۆلەت خىتاي، خىتايدا ھازىر ئامېرىكىنىڭ 3 - 2 تىرىليون ئەتراپىدا ئامېرىكا زايومى بار، ئامېرىكا بۇ سەۋەپتىن كەلگۈسىدە ئاسىيادىكى ئەمەس بەلكى دۇنيادىكى ئاساسى كۈرەشنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا خىتاينى مۇھاسىرگە ئېلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ، ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى دۇنيا سىستېمىغا قوشۇلمىسا يەنى ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ خالىغىنىدەك بىر سېستىمغا ئايلاندۇرۇلمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوللىنىشقا باشلايدۇ. ھازىردىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىق بۇنىڭ دەلىلى. يەنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەنگە ئوخشاش پىلانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ پارچىلىنىش دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

ئەخەت ئەندىجان يەنە تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىۋاستە تاشقى تۈركلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە تۈركىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇ ياردەم ئارقىلىق ئۇ رايونغا خىزمەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش بۇ مەسىلىنى خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش. قارايدىغان بولساق تىبەت مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان ئىنسانلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىلمەيدۇ. تىبەت مەسىلىسىنى ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم قىلىپ كەلدى نەتىجىدە خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندى. ئەگەر تۈركىيە خالىسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندۇرالايدۇ، تۈركىيە بۇنى چوقۇم ئىجرا قىلىش لازىم.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سوئال - جاۋاپلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.