يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، ئىستانبۇل ۋەخىپلەر مۇدىرلىقى شۆبە مۇدىرى مۇستافا قىلىچ، يانال ئالتۇنتاش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. يىغىندا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى، تۈركىستانلىقلار ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىڭگىز شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلۇش ئاپپاراتلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە 1933 - يىلى خوتەن ۋە قەشقەردە بېسىلغان شەرقىي تۈركىستان پۇللىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسەتتى. يىغىندا يەنە، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەيھاجىم ئارتىشى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ۋە بىر قانچە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان مەكتۇپلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىننىڭ كېيىنكى پروگراممىسىدا دوكتۇرلار، پروفېسسورلار مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، تۈركىيە فاتىخ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر يىلماز پولات 'شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى' دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەلى ئەخمەت بەيئوغلۇ 'شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى' دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مەتىن قارائۆرس ' شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ ' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
پروفېسسور دوكتۇر مەتىن قارائۆرس سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئورخۇن ئابىدىلىرى دېگەن كىتابتا، ئاتىمىز بىلگە خاقان 8 - ئەسىردە تۈركلەرگە خىتايلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: 'خىتايلارنىڭ تىلى تاتلىق، دىلى زەھەر، تاتلىق سۆزلىرى ۋە يۇمشاق يىپەكلىرى بىلەن ئالداپ ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن ۋە ئوتتۇرىدا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىدىكەن، خىتايلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار. خىتايلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە، يۇمشاق ھەدىيەلىرىگە ئالدانغان نۇرغۇن تۈرك ئۆلدى.' بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقان خىتايلار ھەققىدە بىلگە خاقان 1200 يىل ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خىتاينىڭ ئىمپىريالىست بولۇشى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشى ئۇ دەۋردىن باشلاپ بار ئىدى. خىتايدا تۈزۈم ئۆزگەردى، ماۋ تۈزۈمى كەلدى، روسىيىدە ستالىن تۈزۈمى كەلدى. ئۇلار كوممۇنىست دۆلەت قۇردى ۋە كىشىلەرگە ۋەدە بېرىپ شۇنداق دېدى: كوممۇنىزم، ئوخشاش، باراۋەر شەخسلەردىن تەركىپ تاپقان، بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىشچى - خەلقلەرنى ئالدىنقى قاتارىدا قويىدىغان، قەبىلىلەر ئارىسىدا پەرقلىق ئايرىمايدىغان بىر جەننەت دەپ ۋەدە قىلدى ۋە كوممۇنىزم تۈزۈمىنى قۇردى ۋە روسىيىدە ستالىن، خىتايدا ماۋ كوممۇنىست تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۇردى، كېيىن بۇ تۈزۈم قانداق ئەھۋالغا كەلدى؟ رۇس كوممۇنىزمى رۇسلارغا خىزمەت قىلىدىغان، خىتاي كوممۇنىزمى خىتايلارغا خىزمەت قىلىدىغان بىر سىستېىملىك ھالغا ئايلاندى. باشقا خەلقلەر چەتكە قېقىلدى. خىتاي ۋە رۇسىيە ئەڭ چوڭ ئىمپېرىئالىست كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىقتى.
پروفېسسور دوكتۇر مەتىن قارائۆرس سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان يەردە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بار، جۇغراپىيىنىڭ ئۇنتۇلغان تۇپراقلىرىدىن بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، مىللىي سالاھىيىتى ۋە كۈلتۈرىنى، دىنىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقنىڭ، رەھىمسىزلەرچە يوقىتىشقا، قەتلىئام ۋە ئۆلۈملەرگە دۇچ كېلىۋاتقان، ئازاب ۋە كۆز ياشلىرى توختىماي ئېقىۋاتقان قەدىمى بىر تۈرك يۇرتى.
پروفېسسور دوكتۇر مەتىن قارائۆرس سۆزىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى بۈيۈك تۈركىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش، قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئامغا يۈزلەندى. ئۇنتۇلغان بۇ ئەزىز تۇپراق، بەختسىز خەلق قايتىدىن خاتىرىلەندى، پۈتكۈل دۇنيادا ۋە تۈركىيىدە بىر قانچە ھەپتە بۇ ۋەقە ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلىندى. جىددىيىلىشىپ كەتكەن خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا چارە ئىزدەپ چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىدىغان پۈتكۈل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى، تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېتنى كەستى، ئۈرۈمچىدە قاتناش توختىدى، كوچىغا چىقىش چەكلەندى، چەتئەللىك زىيارەتچىلەر ۋە ئاخباراتچىلار ئۆيلەرگە قامالدى، 9 سائەت توك كېسىلدى، كېچە قاراڭغۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. قاراڭغۇدا، ئەرلەر، ئاياللار، ياشلار ۋە كىچىك قىزلار 13-14 ياشتىكى كىچىك بالىلارمۇ ئۆلتۈرۈلدى ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەر تولدۇرۇلدى. مانا بۇلار دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا 21 - ئەسىردىكى زامانىۋىيلاشقان دۇنيادا، ئىنسانلارنى تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ باراۋەر ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشنى شوئار قىلغان دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەردى. بىر ئايدىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيا يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك سۈكۈتكە چۆمدى. ۋەقە بەك تىز ئۇنتۇلدى، ئۇ يەردىكى بەختسىز خەلق ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇلدى، خىتاي دۇنيانىڭ پوزىتسىيىسىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلىپ، رەزىل، ۋەھشىي سېستىملىرىنى ئىجرا قىلىپ، مىللىي قىرغىنچىلىقنى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئارىدىن 4 ئاي ئۆتتى، ئىنتېرنېت ھازىرمۇ كېسىلگەن پىتى، تېلېفونلار ئۇلانمىدى، ئۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ، ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق، سىرتىدىكىلەر ئىچىدىكىلەردىن خەۋەر ئالالمىدى. ئۆزلىرىنى دېموكراتىيىنىڭ، باراۋەرلىكنىڭ، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئېلان قىلغان مەدەنىي دۇنيا ئۇچۇر ئىگىلەش ئەركىنلىكىنى قولىدىن تارتىۋالغانلارغا ھېچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
پروفېسسور دوكتۇر مەتىن قارائۆرس سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش تۈرك سىياسىيونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھەممىمىز شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ياخشى بىلىشىمىز لازىم، بۇ داۋانى تۈركىيىدە ھەر شەخسكە ئاڭلاتقانغا ئوخشاش، نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇ داۋانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ چىقالمىدۇق؟ گەرچە بۇ مەسىلە ب د ت غا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، قىزىق نۇقتا شەكىلىدە بەس - مۇنازىرە بولمىدى. دۇنيادا قانداشلار ئەسىر مىللەتكە ئايلاندى، زۇلۇم چەكتى، ئەمما ئۇنىڭ مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈلمىدى. بۇ تۈرك تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى، بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىمىگەن تۈرك سىياسىيونلىرىنىڭ چوڭ بىر خاتالىقى بار، بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سىياسىي يول خەرىتىسىنى سىزغان سىياسىيونلارنىڭ تۈركىيىنىڭ بۇ ھالغا كېلىشىدە چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بار.
ھېچكىم ئۈمىدسىز بولمىسۇن، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بار، ئەزىيەت بار، ئەمما بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن بىرگە پۈتكۈل تۈرك ئەللىرى چوقۇم مۇستەقىللىققە ئېرىشىدۇ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.