0:00 / 0:00
ئۇلار بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا بەزى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىستانبۇلدىن كەلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدا بەزى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئۇلارغا سۇندى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.