ئىستانبۇلدا 'يەرلىك كۈنلەر' ۋە 'تۈركىستانلىقلار مۇنبىرى' پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 'يەرلىك كۈنلەر' پائالىيىتىنىڭ 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى پروگراممىسىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يەر بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

بۇ كۈنكى پائالىيەتتە، 'تۈركىستانلىقلار مۇنبىرى' نامىدا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، قازاق ‏ - تۈرك ۋەخپى قاتارلىق 7 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 'تۈركىستانلىقلار مۇنبىرى' نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا 2009 ‏ - يىلى 9 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى باشلانغان 'يەرلىك كۈنلەر' پائالىيىتىدە ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ پائالىيەت 10 - ئاينىڭ 13 ‏- كۈنىگىچە داۋام قىلماقچى ئىكەن

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىسى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون. بۇ رايوندا ئالبانىيىدىن رومىنىيىگىچە، بالقاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر بىرلىكتە ياشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن زەيتىنبۇرنۇ رايونى كىچىك بىر تۈرك دۇنياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

2009 - يىلى9 - ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىننىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى زالدا، ئوخشىمىغان ئۆرپ ‏ - ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە 'يەرلىك كۈنلەر' نامىدا پروگرامما ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان ئۆرۈپ ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا تىنچلىق ۋە خۇشال ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسىتىش ئىكەن. ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا 2009 - يىلى9 - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى باشلانغان 'يەرلىك كۈنلەر' پروگرامما بولسا 10 ‏- ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە داۋام قىلماقچى ئىكەن.

'يەرلىك كۈنلەر' پروگراممىدا ئاساسلىقى، تىلى ۋە مىللىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئۆرپ ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى نامايان قىلىدىغان پروگراممىلار تەقدىم قىلىندى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئەينى زاماندا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ خىلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 'يەرلىك كۈنلەر' پروگراممىسىنىڭ 10 ‏- ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى پروگراممىسىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كۈنى 'تۈركىستانلىقلار مۇنبىرى' نامىدا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، قازاق ‏ - تۈرك ۋەخپى قاتارلىق 7 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 'تۈركىستانلىقلار مۇنبىرى' نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

پروگراممىغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئالتۇنتاش، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى، مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياس ساكا، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشلىقى مەھمەت قاراجى ئەپەندى، تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا قاتارلىق زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى 16 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە سائادەت پارتىيىسى قاتارلىق تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تۈركمەن بولۇپ جەمئىي 800 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

پروگراممىنى ماۋى قارا دېڭىز تېلېۋىزىيىسى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل تايمىز، زەيتۇنبۇرنۇ خەبەر قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

پروگراممىدا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى باشمەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

Istanbulda-Uyghur-kuni-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺯﻩﻳﺘﯩﻨﺒﯘﺭﻧﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 'ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ' ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 'ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ' ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Arslan)

پروگراممىدا يەنە ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئەسلىمىز ۋە نەسلىمىز بىر بولغان تۈركىستاندىن، ئانا ۋەتىنىمىز بولغان ئانادولۇ تۈركىيىگىچە ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئىچىدە بىرگەياشاۋاتىمىز، بۇ يەردىكى ئەسلىمىلەر بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشلەر بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىشىش ئىچىدە تۈركىستاندىن رومانىيىگىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە تۇپراققا ساھىپ بولغانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ تۇپراقلاردا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق ھەمدە گۈللەندۈردۇق. بۇ مەدەنىيەتلەرنى ئەجداتلىرىمىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بەرپا قىلغان ئىكەن. ئوخشاشلا بىزمۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى ساقلاپ كەلسەك ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىمىز."

پروگراممىدا ئۇيغۇر، قازاق، سەنئەتچىلەر ئۆسمۈر بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى قىياپەتلىرىنى كىيىشكەن ھالدا ناخشا ‏ - مۇزىكا ئورۇنلىدى. سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر، قازاق، ۋە تۈرك تىللىرىدا بىر قانچە پارچە ناخشا ‏ - مۇزىكا ئورۇنلىدى. ئۇيغۇرچە ئورۇنلانغان "يول بولسۇن" قاتارلىق بىر قانچە پارچە ئۇسۇللۇق ناخشا - مۇزىكا پروگرامما ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كېيىن ناخشا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ قازاقچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئۇسۇل ئوينالدى.

ئاخىرىدا، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن بۇ گۈزەل پروگراممىنى ئۆتكۈزۈشتە جاپا چەككەن شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدىكى 7 تەشكىلاتتىكى قېرىنداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. خۇسۇسەن بۇ يەردە پائالىيەت كۆرسەتكەن ياش پەرزەنتلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن. مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بۇ ئاخشام بۇ يەردە بىرلىكتە كۆردۇق، ئىنسان ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىدۇ، ئادرىياتىكتىن خىتايغىچە بولغان جۇغراپىيىلەردە بىزنىڭ مەدەنىيەتلىرىمىز بار. ئەمما بۇ جۇغراپىيىلەر ئىچىدە ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن راھەت ياشىيالمايۋاتقان، باستۇرۇش ۋە زۇلۇم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىز بار. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئەمما ھۆر بولالمىغان قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئاخشام بۇ يەردە بىزلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇۋاتىدۇ.

بىز زەيتىنبۇرۇنۇلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بەك بەختلىك، چۈنكى سىلەرنىڭ سايىڭلاردا تۈرك دۇنياسىنى بىلدۇق، زەيتىنبۇرنۇ سايىسىدە 81 ۋىلايەتنى بىلدۇق، مىللىتىمىزنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ۋە مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنسانلارنى بىلدۇق. بىز دەيمىزكى، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك مىللىتى بىز بولايلى، دۇنيادىكى زۇلۇمنى يوقىتىدىغان كۈچ بىز بولايلى، كۆك بايراقنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىدىغان كۈچ بىز بولايلى، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە بولۇشىمىز لازىم، بۇلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز ئارا قۇچاقلىشىش لازىم، بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە قىزىل بايراق بىلەن كۆك بايراقنىڭ قىيامەت كۈنىگىچە بىرلىكتە لەپىلدىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش، بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئاسارەت ئاستىدا قالماسلىقى، مىللىتىمىزنىڭ دۇنياغا ئادالەت بىلەن يۈكسەك نۇقتىغا ئۆرلىشىنى كۆزلەيمىز، زەيتىنبۇرنۇدا بۇ نىشانغا ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، جەمئىيەتلەر ۋە سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ خەلقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت كېچىسى پائالىيەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان نامىدا 7 تەشكىلات بار بۇ تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.