ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە رىم خىتابنامىسى

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىتالىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار يىغىنىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسى مەسئۇلى، ياۋرۇپا ئىش بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيىدىكى ۋەكىلى ۋە ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە رىم خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.