خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي تۇتۇپ كەتكەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

يېقىندا، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھىچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان ئىككى نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجاننىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

يۈسۈپجان ۋە مەمەتجان قاتارلىق 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 10 - ماي كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ياتاقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەمسۆھبەتتە بولۇۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجاننىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: "يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجان ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، 10 - ماي كۈنى ئۇلار دوستلىرى بىلەن خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بۇلارنىڭ قالغانلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇسۇپجان بىلەن مەمەتجاننىڭ ھىچقانداق ئىز دېرىكى يوق بىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، ئۇلار تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ۋە ياكى باشقا 3 - بىر خىل يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي تەرەپتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ 5 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 3 نەپىرى 15 كۈن قانۇنسىز سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزگەن دېگەن سەۋەب بىلەن ھەر بىرىگە 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ئاندىن قويۇپ بېرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇنداق قانۇنسىز جەرىمانە قويۇش ۋە جازالاش خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بىر قىلمىش بولغاندىن تاشقىرى، يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجاننىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنىڭ بولماسلىقى، بىزنىڭ بۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىمىزنى كۈچەيتمەكتە، شۇڭا بىز كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجاننى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز."

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسىنىڭ باشلىقى مايكېل كراگ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئالدى بىلەن خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئادەتتىكى بىر مەسىلىنىمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىماقتا. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىماقتا. مەسىلەن،ئۇتكەن ئايدا قولغا ئېلىنغان يۈسۈپجان بىلەن مەمەتجانمۇ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان."

"ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلار تىل، مەدەنيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىماقتا. خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەش، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تاپالماسلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىستراتېگىيىسى قاتارلىقلار شەرقى تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەردىن ئىبارەت. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت ھەر قانداق بىر مەسىلىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇپ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيتىنى ئىنتايىن جىددىيلەشتۈرمەكتە. شۇڭا بىز خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر ۋاقت خىتايغا ئوخشاش دىكتاتۇر دۆلەتلەرگە قارىتا جىددىي باياناتلار ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز."

مايكېل كراگ بۇ خىل باياناتلارنىڭ، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ئامالسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى دۇنيا كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "جىددىي بايانات ئېلان قىلىش دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ ‏ - پۇشقاقلىرىدىكى بىگۇناھ تۇرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقان، تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقان، قانۇن ئارقىلىق ئۆز ‏ - ئۆزىنى قوغداشقا ئامالسىز قېلىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش، دۇنيانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ ‏- پۇشقاقلىرىنى يورۇتۇش - شام چىراق بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق جىددىي بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىز دۇنيا خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىكتاتۇرلارغا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان مەخپىي ئىشلارنىڭ، قانۇنسىزلىقلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمىز. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنداق جىددىي باياناتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىشىنىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نازارىتى ۋە يېقىندىن دىققەت قىلىشى نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ."

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسىنىڭ باياناتى ئېنگىلىزچە،خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل تىلدا تەييارلانغان بولۇپ، تېلېفۇن قىلىش، فاكس يوللاش، خەت يېزىش شەكىللىرى ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنى ئىز ‏ - دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قىستىغان ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ياكى 3 - بىر خىل يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىغا ئۇچراۋاتقانلىغىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسى ئېلان قىلغان جىددىي بايانات خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، رەئىسى نۇر بەكرى ۋە خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىقلارغا يوللانغان.

بۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى باياناتى ئەمەس، بۇ تەشكىلات بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، بولۇپمۇ ئولىمپىك مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن كونكرېتنى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆپ قېتىم جىددىي باياناتلار ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسى كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدا، كانادا تىبەت كومىتېتى، فالۇنگۇڭچىلار جەمئىيىتى، دېموكراتىك خىتاي فېدىراتسيونى، ستۇدېنتلار تىبەتكە ئەركىنلىك جەمئىيىتى، تەيۋەن كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، تىبەت ئاياللار جەمئىيىتى، تىبەت ياشلار جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتىك جەمئىيىتى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بار.

بۇ جەمئىيەتلەر قارمىقىدا قانچە يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائاليەتچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرى خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى كۆزىتىش، توپلاش، كانادادىكى ھەر قايسى مەتبۇئات ساھەلىرىگە شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوللاش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە، ھەر قايسى ئىتنىك مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىنتېرنېت خەت ئالاقە تورى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ خەت ئالاقە تورى ئارقىلىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن تېز ۋە دەل ۋاقتىدا ھەر قايسى ئەزالارغا مەلۇمات بېرىپ تۇرىدۇ.