كانادا لەي چاڭشىڭغا خىزمەت ئىجازەتنامىسى بەردى

خىتايدىكى يۈەنخۇا ئەتكەسچىلىك دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ قارالغان لەي چاڭشىڭ، ئالدىنقى ھەپتىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر.

لەي چاڭشىڭ مەسىلىسى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىزچىل سۈركىلىش پەيدا قىلىپ كەلگەن ئىدى. تەبىئىي ھالدا، كانادانىڭ لەي چاڭشىڭغا خىزمەت ئىجازەتنامىسى بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قوزغىدى. خىتاي دائىرىلىرى، بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار بولسا، لەي چاڭشىڭ مەسىلىسىنىڭ خىتايدا قامالغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىرلەر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.