0:00 / 0:00
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-- يىللار ئۆتىدۇ ئىز قالىدۇ، گەرچە غۇلجا ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغان بىز غەلىبە قىلالمىغان بولساقمۇ، غۇلجا ۋەقەسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى مەڭگۇ ئۇنۇتۇلمايدۇ ۋە ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك... ئۇلارنى داۋاملىق ياد ئېتىش 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى ئۇنۇتماسلىق، مىللىي روھ ۋە كىملىكىمىزنى ئۇنۇتمىغانلىقتۇر، قەلبىمىزدىكى قىساس ۋە غەزەپنىڭ يوقالمىغانلىقى ئۈمىدنىڭ كېسىلمىگەنلىكىدۇر!
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
