كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 3 - ئىيۇل جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا شاۋگۈەن قىرغىنچىلىغىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش باشلىنىشى بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش بايانات ئېلان قىلىپ، شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 26 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، 180 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىغىدەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىداپ تۇرالمايدىغانلىغىنى، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ قىرغىنچىلىقتا ئەلبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، بۇ خىل مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، مىللىي بۆلگۈنچى،دىنىي رادىكال ۋە ئوغرى، يانچۇقچى دەپ تەشۋىق قىلغانلىغىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتناشقان ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان تۇرانخان خانىم بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئۆز تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: " مەن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم. چۈنكى ئاتا ‏- ئانىسى ئارزۇلاپ باققان بالىلارنى، ھەر بىر بالىنى 20 دىن ئارتۇق خىتاينىڭ توپلىشىپ ئۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ يۈرىگىم قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ كەتتىم. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە غەيرەت قىلىپ،بۇگۇن بۇ نامايىشقا چىقىۋاتىمەن."

شۈ كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلار، شەرقى تۇركستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتىرىپ شۇئارلار توۋلىشىپ تورونتودىكى ئاساسلىق كوچىلارنىمۇ ئايلاندى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تورونتودا ياشاۋاتقان ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: " بىز بۈگۈن تورونتودا ياشاۋاتقان چوڭ ‏- كىچىك، قېرى‏- ياش ھەممىمىز تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ ئۇندىن كېيىن كوچىلارنى ئايلىنىپ شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقىغا ئۇز نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈۋاتىمىز. ئىشىنمەنكى، دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بۇنىڭ قىساسىنى چوقۇم ئالىدۇ."

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش مۇنداق دېدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۇرۇشىچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشىنى بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرۇشنى، ھەتتا كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋاغا قەدەر بېرىپ داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋىتىپتۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.