بۇ مەسىلە بىر مەھەل ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىغا سەۋەب بولغان. لېكىن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا فىلىملىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى بوشاشتۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بەزى ئانالىزچىلار بۇ خىتاي كىنوچىلىقىغا جىددىي رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئاق ساراينىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىنو فىلىم ئىمپورت-ئېكسپورت مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كىنو فىلىملىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى بوشاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان كىنو فىلىملەرنى 70% كۆپەيتىپ، ھەر يىلى 20 ئامېرىكا كىنو فىلىمى ئىمپورت قىلىشتىن، بۇ ساننى 30 نەچچىگە يەتكۈزۈشكە ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلىشىمدە ئامېرىكا كىنو شىركەتلىرىنىڭ تاپاۋەت ھەققىدە كۆپەيتىلىپ، ئامېرىكا فىلىملىرىنى قويۇپ خىتايدا ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ 25% نى ئامېرىكا تەرەپكە بېرىشكە كېلىشكەن. بۇرۇن ئامېرىكا تەرەپ ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ پەقەت 13% گە ئىگە بولاتتى.
خىتاينىڭ كىنو فىلىم بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى كېچىكتۈرۈپ، چەتئەل فىلىملىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇشى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىختىلاپلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ جەھەتتىكى چەكلىمە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ كىتاب، DVD، CD قاتارلىق چەتئەل ئۈن-سىن ۋە يازما نەشرىيات بۇيۇملىرىغا قويغان چەكلىمىسى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ، دەپ قاراپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ئەرزىنى ئورۇنلۇق، دەپ قاراپ، خىتاينىڭ زىيىنىغا قارار چىقارغان ئىدى.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن جۈمە لوس ئانجىلىسنى زىيارەت قىلغاندا مۇئاۋىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىغان. بايدېن كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «خىتاي بىلەن ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىم ئامېرىكا كىنو ستۇدىيىلىرىنىڭ ۋە مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقان خىتاي تاماشىبىنلىرىغا ئېرىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، كىنوچىلىق ساھەسىدە مىڭلارچە ئىش پۇرسىتى يارىتىدۇ» دېگەن.
بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ خىتاي كىنوچىلىق بازىرىغا كەڭ كۆلەملىك كىرىشى، كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى خىتاي كىنوچىلىقىغا جىددىي رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋە كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، بۇنىڭ خىتاي كىنوچىلىقىغا رىقابەت ئېلىپ كېلىپ قالماي، بۇنىڭ يەنە كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەرەققىيات قارشى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئېڭى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر كېلىشىم خىتاي تور بەتلىرىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغاپ، تور بەتكە پىكىر قاتناشتۇرغۇچى بەزى تورداشلار ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ كۆپلەپ ئىمپورت قىلىنىشى خىتاي كىنوچىلىقىنى رىقابەتكە دۇچار قىلىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار بۇ كېلىشىم ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ خىتايغا كۆپلەپ كىرىپ، خىتاي كىنوچىلىق ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ خىتاي كىنوچىلىق بازىرىغا كۆپلەپ كىرىشى بىلەن بارلىققا كېلىدىغان رىقابەت ئەڭ زور خەلقنى مەنپەئەتدار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىم يەنە ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى، سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرېست دود بايانات ئېلان قىلىپ، «دەۋر بۆلگۈچ بۇ كېلىشىم ئامېرىكا كىنو ئىشلەش شىركەتلىرىنىڭ سېتىلغان كىنو بېلىتىدىن ئالىدىغان پايدىسىنى كۆپەيتىپ، 20 يىللىق كونا سودا قېلىپىنى يېڭەلەيدۇ. ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى 50 % دىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، يېڭى بىر سودا مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ۋالت دېسنىي شىركىتىنىڭ مۇدىرى روبېرت ئىگېر بولسا «مەزكۇر كېلىشىم خىتاي تاماشىبىنلىرىنى بىزنىڭ فىلىملىرىمىز بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم پۇرسەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.
بىراق گېرمانىيىدىكى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى ئامېرىكا كىنو فىلىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك خىتايغا كىرىشى بىلەن خىتاي جەمئىيىتى دەرھال ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا 2007-يىلى خىتاينىڭ DVD، CD قاتارلىق مەدەنىيەت سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغان ئىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى 2009-يىلى كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ چەكلىمىسى ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىسى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ قائىدىگە بوي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 3-ئايغا قەدەر ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تۈزىتىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنداپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى لوس ئانجىلىسنى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى رون كىرك مەزكۇر كېلىشىمگە باھا بېرىپ، « ئامېرىكا كىنو شىركەتلىرى ۋە مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بازار. لېكىن خىتاينىڭ چەكلىمىسى ئامېرىكا فىلىم شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن ئالىدىغان پايدىسىغا توسقۇنلۇق قىلغان. مەزكۇر كېلىشىم بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئېكسپورت ساھەلىرىدىن بىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا كىرىشىنى ئالغا سۈرىدۇ» دېگەن.