كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن شەھەر باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىنى رەتكە سېلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، مۇئامىلىدىكى قوپاللىقى، زوراۋانلىقى ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان ئاۋام پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بەزىدە زور كۆلەملىك توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، مەخسۇس بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا چەكلىمە قويۇشنى، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغان خادىم-ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 76 بەتلىك دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى مەلۇم ئەھۋاللاردا پۇقرالارنى قوغداش رولىنى ئويناشنىڭ ئورنىغا، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان بىر ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى دوكتور سوفىيە رىچاردسون خانىم، مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ: شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش مەسىلىسى خىتايدىكى ئوچۇق-ئاشكارا سەتچىلىك. ھۆكۈمەت دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئاشكارا ۋە كەسكىن تەنقىد قىلىشى، بۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىغا يېتەرلىك تەربىيىلەش، نازارەت قىلىش ئېلىپ بارمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىنتىزامى يېتەرلىك كونترول قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئىلگىرىلەپ يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق يەنە بەزى ئانالىزچىلار، مەزكۇر مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى ئەمەسلىكى، بۇ خىتاي جەمئىيىتىدىكى پارىخورلۇق مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۆكتىچى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندى، بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پارىخورلۇق جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە يايمىچىلارنى بوزەك قىلىشىدا پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان پارىخورلۇقنىڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان 25 كىشىنىڭ كەچۈرمىشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆچمە يايمىكەشلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇلار شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى زوراۋانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان كىشىلەر. شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقى بەزىدە ئاممىۋى توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىراق بۇ خىل توقۇنۇشلاردا بەزىدە شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭمۇ يارىلىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇرغان. 2011-يىلى 6-ئايدا گۇاڭدۇڭنىڭ شىنتاڭ، دېگەن يېرىدە شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھامىلىدار بىر خىتاي يايمىچى ئايالغا قىلغان زوراۋانلىقى نارازىلىققا ئۇچراپ توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. لېكىن شەھەر باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ زوراۋانلىقى يالغۇز خىتاي يايمىچىلار دۇچ كېلىدىغان خاس ھادىسە ئەمەس. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زوراۋانلىقى يەنە، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىدىغان يايمىچى ئۇيغۇرلار كۆپ دۇچ كېلىدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ بەزىدە ئۇيغۇر لار بىلەن دائىرىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان دائىملىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
دوكتور رىچاردسون، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «زوراۋانلىق»، «قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش»، «بۇلاڭچىلىق» بىلەن ئوخشاش ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنى «رەھىمسىز، ياۋايى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ، جازالانمايدىغان كىشىلەر» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، خادىملارنىڭ قىلمىشى ۋە ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش خاھىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان بىر تۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل مېخانىزم قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلمىسا، بۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ناتايىن ئىكەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگودىكى پارىخورلۇق، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇنسىز زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توسۇشنىڭ يولى دېموكراتىك سىستېما بەرپا قىلىشتۇر. ئۇ، مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى تۇرغۇزۇلۇپ، قانۇن-تۈزۈمنى خەلقنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن چىقارغاندا، سوت ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتلىرىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشقا قادىر بولغاندا، ئاندىن بۇ خىل قانۇنسىز زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قىلمىشى شەھەر يايمىچىلىرىغا زوراۋانلىق قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. دوكلاتتا، يايمىچىلارغا زوراۋانلىق قىلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنغان مۇخبىرلارغا زوراۋانلىق قىلىش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى 1997-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 656 شەھەردە شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇندىكى ۋەزىپىسى مۇھىت، تازىلىق، قاتناش تەرتىپى ۋە شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش بولۇپ، تۇتقۇن قىلىش، كۈچ قوللىنىش ئۇنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مەسىلە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇ ھوقۇق دائىرىسىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن.
