د ئۇ ق ئامېرىكا-خىتاي قانۇن دىئالوگىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر بەزى دېلولارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت بەزى ھەقلىق قايغۇلىرىنىڭ قانۇن دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن، لېكىن قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

0:00 / 0:00

ئىككى كۈنلۈك ئامېرىكا-خىتاي قانۇن دىئالوگىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەركىزى تېما‏-جەمئىيەتنى «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» مەسىلىسىدۇر. مەزكۇر دىئالوگ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ياكى نەزەربەند قىلغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. دىئالوگنىڭ يەنە، خىتاي «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قانۇندىن ھالقىپ جازالاش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. لېكىن ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن ئەمەلدارلىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى يىغىندا، كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بولسا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى مارك تونېر تۈنۈگۈن مەلۇمات بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت بەزى ھەقلىق قايغۇلىرىنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى. ‏ئۇ، بۇ قېتىمقى دىئالوگدىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ دىئالوگنىڭ غايىسى تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، سىز سورىغان سوئاللارغا جاۋاب تېپىشتۇر. ئامېرىكا-خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كەلگەن قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ۋە بۇنىڭ پايدىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ دىئالوگ يەنە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق قانۇنى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋاشىنگتوندىكى مەزكۇر دىئالوگدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ خىل دىئالوگلارنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ بۇنىڭ، بولمىدى دېگەندە خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قاراشتىكى ئورگانلارنىڭ بىرىدۇر. ۋاشىنگتوندىكى دىئالوگ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنىپ، تۈرلۈك جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا يۆتكەشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى خادىمى يانا براندىت خانىم رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوندىكى دىئالوگ ھەققىدە توختالدى. يانا خانىم ۋاشىنگتوندىكى دىئالوگدا بىرەر مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدسىز قارىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى كونكرېت دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ :«مېنىڭچە، دىئالوگدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كونكرېت دېلولارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇھىم. چۈنكى كونكرېت دېلولار بەزىدە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. مېنىڭچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي قانۇن سىستېمىسىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىگە ئۇلارنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى يەنىلا ھالقىلىق مەسىلىدۇر. گەرچە خىتاي ئۆزى خالىغاننى قىلىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكى. چۈنكى بۇ خىل دىئالوگلاردا بەزىدە خىتاينىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە تىبەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ناچار ئەھۋالدۇر. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تىبەتلەرنىڭكىدىن ناچار. چۈنكى ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىدىغانلار يوق.»

ئامېرىكا-خىتاي قانۇن دىئالوگى ئىككى دۆلەتنىڭ مەخسۇس بۇ ساھەدىكى 2‏-قېتىملىق سۆھبىتى بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنى «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇرۇنقى دىئالوگلاردا دائىم تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان كونا مەسىلە. خىتاي بىلەن گېرمانىيىنىڭ بۇ ساھەدىكى دىئالوگى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. لېكىن خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خىتاي قانۇن سىستېمىسى بىلەن خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمى ئارىسىدىكى پەرقنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ يەنە ئۇلاردا غەرب بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇن ساھەسىدىكى دىئالوگلارنىڭ ئەھمىيىتىگە نىسبەتەن جىددىي گۇمان قوزغىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى يانا خانىم، خىتاي قانۇن سىستېمىسىدىكى بوشلۇقلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «شۈبھىسىزكى، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس شۇنداقلا ئۇ يەنە، خەلقئارا قانۇن ئۆلچىمىگە توشمايدۇ. ئۇنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئاساسەن دائىرىلەر نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلالايدىغان بىر سىستېما. ئۇنىڭدىكى ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى نۇرغۇن دېلولارنىڭ يېپىق سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلالماسلىقى ۋە ياكى ئۆزى خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلالماسلىقىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان يەنە بىر نۇقتا بار‏-ئۇ بولسىمۇ ئەيىبلەش مەسىلىسى. بولۇپمۇ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن جازالانغان ۋە ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوخشاش ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، يەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. ھازىر بولسا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دېگەن جىنايەت بىلەن جازالىنىۋاتىدۇ. بۇ نام ئاستىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، قانۇنسىز ئۇيۇشۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرگە بېرىلگەن جازا سىياسىي جازادۇر. خىتاي قانۇن سىستېمىسى بۇ كىشىلەرنىڭ جازالىنىشىنى يوللۇقلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن قانۇن دىئالوگى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان» جەمئىيەتكە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار، خىتاي ئەدلىيىسىدىكى مەسىلە ئىجرائات جەريانىدىكى سەۋەنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇلار، ئۇنىڭدىكى مەسىلە قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولۇپ، بۇنى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.