ئۇنداقتا بۇ كۆك مايكىلىق قىز زادى كىم؟ بۇ قىز ھازىر ھاياتمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزنى قانداق جازالىدى؟ ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھەممىسى نامەلۇم، ئەمما بۇ قىز ياراتقان ئوبراز يالغۇز ئۇيغۇرلار قەلبىدىلا ئورۇن ئېلىپ قالماستىن، بەلكى چەتئەللىكلەر ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ئوكرائىنىيىدىكى دېموكراتىيە ئىسلاھاتچىسى، سابىق ئوكرائىنىيە پرېزىدېنتى Victor Yushchenkou نىڭ،كۆك مايكىلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى توپى ئالدىدا تۇرغان جەسۇرانە كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن سۈرەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى دەپ جازالىدى، ئەمما بۇ قىز ئۈرۈمچىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ قۇربانى" دېگەن سۆزى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىشىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگىسى مەيدانى ۋە شامالباغ رايونلىرىدا ھەمراسى، پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىدىن ئايرىلغان خانىم - قىزلار، گۇناھسىز تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

ئەنە شۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ كۆرۈنۈشلىرى رەسىمگە ئېلىنغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ بەزىلىرىدە كۆك مايكىلىق قىزنىڭ نامايىشچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى نامايەن قىلىنسا، يەنە بەزى رەسىملەردە ئۇنىڭ نامايىشچىلار توپىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئومۇمەن كۆك مايكىلىق قىزنىڭ سىماسىدىن، كۆزىدىن ۋە ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ قىلچە قورقمىغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئۇنداقتا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قورالىدىن ئوق چىقىپ كۆكرەكلىرىنىڭ تىتىلىپ كېتىشىدىن قورقمىغان، خىتاينىڭ توك كالتەكلىرىدىن زەربە يەپ يىقىلىپ چۈشۈشىتىن قورقمىغان بۇ قىز زادى كىم؟ بۇ قىزنىڭ كىملىكى ھەممىگە نامەلۇم بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت 8 پارچە سۈرىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا نامايەن قىلىندى، لېكىن ئۇنىڭ نامايىشقا نېمە سەۋەبتىن قاتناشقانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك غەزەپلەنگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى.
ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورققان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ - قات توسقۇنلۇقلىرى تۈپەيلى، مۇخبىرلارنىڭ پەقەت كۆك مايكىلىق قىزنىڭ رەسىمىنى تارتىۋىلىپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھاد مۇھەممىدى ئەپەندى "كۆك مايكىلىق قىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا تىز پۈكمەيدىغان، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەتتا جېنىنىمۇ پىدا قىلالايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا نامايەن قىلدى" دېدى.
بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، ھەقىقەت كۆك مايكىلىق باتۇر ئۇيغۇر قىزنى ئەركىنلىكنىڭ سىمۋۇلى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ، ئەركىنلىكنى ياقلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
"بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزىنىڭ رەسىمى، كىشىگە 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە تانكا ئالدىغا قاراپ مەردانە ماڭغان ياش يىگىتنىڭ رەسمىنى ئەسلىتىدۇ، تانكا ئالدىغا قاراپ ماڭغان ئۇ يىگىت زادى كىم؟ ئىسمى نىمە؟ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق ؟ بىزگە نامەلۇم، بەزىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ "ۋاڭ ۋېيلىڭ" ئىكەنلىكىنى ۋە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن دېيىشىدۇ، بىراق، ھەقىقەت زادى قانداق ئۇنى ئېنىق بىلمەيمىز، بۇ كۆك مايكىلىق قىزنىڭ سۈرىتىندىمۇ، ئۇنىڭ ھاكىميەتكە بولغان نارازىلىقى، غەزەپ - نەپرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىدا پۈتۈنلەي قوراللانغان ئەسكەر كۈچلىرى بار، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېرى، بۇ قىز كېيىن قانداق ئاقىۋەتكە دۇچ كەلدى، لېكىن بىز مۆلچەر قىلالايمىزكى، تىنچلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. ئۇنداقتا باستۇرۇش جەريانىدا قانچىلىك ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، قانچىلىك ئادەم تۈرمىگە تاشلاندى، بۇ ھەقتە بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن كۆك مايكىلىق قىزغا ئوخشاش كىشىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقى تۇرغان گەپ، بىزگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەر چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشىمىز كېرەك، كۆك مايكىلىق قىزنىڭ رەسىمىنى كۈرگەن ھەر بىر كىشى، بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىمىز ھەممىدىن مۇھىم."
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، تۈركىيىدىكى ئەنقەرە ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەسرا قاراپولات خانىم، كۆك مايكىلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغان ھەر بىر تۈركنىڭ قولىدا كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ قىزنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى بولۇپ قالماستىن، پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
"بۇ رەسىمدىن، تۈرك قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى كۆردۇق، تۈركىيىدە بۇ قىزنىڭ رەسمى بەك مەشھۇر، ھەممە كىشى بۇ قىزنىڭ قەھرىمان بىر قىز ئىكەنلىكىنى، ئومۇمەن ۋەقە يۈز بەرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىققان بارلىق قىزلارنىڭ قەھرىمان قىزلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. كۆك مايكىلىق قىزنىڭ رەسىمىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نەپرىىتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولغانلىقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىسپاتنىڭ كېرىكى يوق، ئۇنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەستىن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ، بىلدۈرۈۋاتقان نارازىلىقىدىن ئۇنىڭ قانچىلىق زۇلۇم چەككەنلىكى مەلۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر ئەركەك ئەمەس، بەلكى بىر قىز، ئەمما قىز بولغىنىغا قارىماي ئۇ ئۆز قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلدى."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھاد مۇھەممىدى ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشقا قاتناشقان ئىنسانلارنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى، كۆك مايكىلىق قىزنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، پەقەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 18 مىڭ 500 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.