نۆۋەتتە ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە پەرقلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن قىسقا مەلۇماتىدا، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11، بۇلاردىن 10 نەپىرى ھۇجۇمچىلار، بىر نەپىرى ساقچى خادىمى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ۋەقەنى كۆرگەن يەرلىك ئاھالىلەر، ۋەقەدە ساقچى تەرەپتىن 10 كىشى ئۆلگەنلىكىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما بۇ مەلۇماتلارنى ساقچى دائىرىلىرى تېخى تەستىقلىمىدى. ساقچى تەرەپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلماقتا. ۋەقە كېچە سائەت 3 يېرىم ئەتراپىدا باشلانغان. ئەتىگەن سائەت 8 گە قەدەر پارتىلاش ۋە ئوق ئاۋازلىرى بېسىقمىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى 15 بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان موتوسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھۇجۇمدا بىر نەپەر ساقچى ئۆلگەن ئىككى ساقچى يارىلانغان. بىز كۇچا ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلار يارىدارلارنىڭ بەش كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار بىر ئورۇنغا موتوسىكلىت بىلەن يەنە بىر ئورۇنغا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان تاكسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بىر قىسىم مېھمانخانا ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ مېھمانخانا ۋە سودا ئورۇنلىرىنى مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاھالىلەر يەنە، بەزى ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىلار يېقىنلاشقاندا ئۆزىنى پارتىلاتقانلىقىنى، تەرەپ - تەرەپتىن پارتلىغان بومبا ئاۋازى سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ پاتپاراقچىلىققا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايچە Real Time تور بېتى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما سانىنى بىلدۈرمىدى. خىتايچە ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن 8 نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 2 نەپىرى ساقچىلار يېقىنلاشقاندا ئۆزىنى پارتلاتقان، 2 نەپىرى تىرىك قولغا چۈشكەن، 3 نەپىرى غايىپ بولغان. نۆۋەتتە كۇچادا ھەربىي ھالەت داۋام قىلماقتا.