تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇمنىڭ 15 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ياۋروپانىڭ شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى 15 كۈن زىيارەت قىلىپ ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئابلىكىمخان مەخسۇم شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇچراشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان، كېيىن يەنە ئابلىكىمخان مەخسۇم يەنە شۋېتسىيە ئېچىلغان شىمالىي ياۋروپا ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان. خەلقئارالىق مىللىي ئاڭ تەشكىلاتىنىڭ ستوكھولمدىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ ئۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ablikimhan-maxsum-gollandiyediki-milli-ang-teshkilati-mekizide2-385.JPG
ئابلىكىمھان ماخسۇم گوللاندىيىدىكى مىللىي ئاڭ تەشكىلاتى مەركىزىدە. 2011-يىلى دېكابىر. (RFA/Arslan)

ئىگىلىنىشىچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى مەسئۇللىرىدىن، دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان، ئابدۇجېلىل قارىقاش ۋە تۈرغۇنجان ئالاۋۇددىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە خىزمەت ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان، ئۇچرىشىشتا يەنە تەكلىپ-تەرغىبلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.