5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى 21-ئەسىرنىڭ 10 يىلىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

ھىساشى، چىزۇكو ۋە كوئۇزە قاتارلىق كىشىلەر بىرلىكتە تۈزگەن، ياپونىيە تەتقىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە نەشر قىلىنغان س د لىق كىتاب `21-ئەسىرنىڭ 10 يىلىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەر` ناملىق كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەرنىڭ سەككىزىنچىسى 2008-يىلى 3-ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نامايىشى بىلەن 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى. بۇ خەۋەر 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا يۈز بەرگەن 30 چوڭ خەۋەرنىڭ 8-سى بولۇپ باھالانغان.

0:00 / 0:00

كىتابتا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئادالەت تىلەپ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ سۈرىتى بېرىلىش بىلەن بىرگە، نامايىشنىڭ جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن.

كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، 1955-يىلى مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئىسمىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەزىز ۋەتىنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا خىتاينىڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا قارشى تىنچلىق يولىدا ئادالەت تىلەپ نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نامايىشلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىز كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.