ھەتتا بەزى نۇقتىلىق مەكتەپلەر ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ رەسىمى ۋە تۇغۇلغان - ۋاپات بولغان كۈنلىرى يېزىلغان مايكىلارنى باستۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىيدۈرۈپ ھەر خىل يىغىنلارغا ئېلىپ بېرىپ مەھمۇت قەشقىرىنى ئاڭلاتماقتا. بۇلاردىن بىرى ئەنقەرە ئۈمىد كۆي ئانادولى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى.
بۇ مەكتەپنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئاسلىخان يازىجى مەكتەپتە كۇلۇپ قۇرۇپ مەھمۇت قەشقىرىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەكتەپ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان پوپايكىلارنى بېسىپ تارقىتىپ مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى، يېقىندا مەھمۇت قەشقىرى ناملىق مەخسۇس ژۇرنال چىقىرىپ بۈيۈك ئالىمنى تۈرك دۇنياسىغا توشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنى، ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە بۈگۈنكى رولى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاسلىخان يازىچى خانىم ئالدى بىلەن مەكتىپىدە ئۆزلىرى قۇرغان تۈركچەم كۇلۇبى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئەسلىدە ھەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش مەنمۇ تۈرك تىلىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن. ئۆتكەن يىلى ئۈمىد كۆي ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تۈركچەم كۇلۇبىنى قۇردۇق. بۇ كۇلۇبنىڭ ئىسمىنى تۈركچەم دەپ قويدۇق. بىز پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىزدە تۈرك تىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر تىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتىمىز. تۈركچىنىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز تۈركچەم كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داڭلىق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيىلەر بەردۇرىۋاتىمىز. مەكتىپىمىزدە تام گېزىتلىرىگە ماقالە يېزىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئانا تىلىغا ئىگە چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىۋاتىمىز. بىز ئەنقەرەدە كوچىلارنى ئايلىنىپ دۇكانلىرىغا چەتئەل تىلىدا ئىسىم بەرگەن كىشىلەرگە ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەپ دۇكانلىرىنىڭ ئىسمىنى تۈركچىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەنقەرەدىكى پۈتۈن رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنى زىيارەت قىلىپ چەتئەل تىلىدا ئىسىم قويغان دۇكان ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇلاردىن باشقا ژۇرنال چىقىرىۋاتىمىز. بۇ يىل مەھمۇت قەشقىرى يىلى بولغاچقا مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇۋاتىمىز."
ئاسلىخان يازىچى خانىم، بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، كونكرېت نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە بەزى خىزمەتلەرنى قىلدۇق. بۇنىڭدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 1000 يىل بولغانلىقىنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتىمىز. سىزگىمۇ مەلۇم مەھمۇت قەشقىرى يازغان بىر گرامماتىكا كىتاب بار. تېخىچە تېپىلغىنى يوق. تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇ كىتابنى تاپقانلارغا 1000 جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىز بۇ كىتابقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ كىتاب ھەققىدە ۋاراقچىلارنى بېسىپ تارقىتىۋاتىمىز. بىز 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ رەسىمى، ئىسمى ۋە فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى يېزىلغان مايكىلارنى بېسىپ تارقىتىۋاتىمىز."
ئەنقەرە ئۇمىدكوي ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى ئاسلىخان يازىجى خانىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن شۇنداقلا ئىلىم دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ئالدى بىلەن ئىلمىي ھەقىقەتلەر بار، ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچىسى مەھمۇت قەشقىرى تۇنجى تۈركچە گرامماتىكا كىتابىنىڭ يازغۇچىسى. تۇنجى قېتىم قامۇس يازغان كىشى. ئۇ يەنە تۇنجى قېتىم بۇندىن 1000 يىل بۇرۇن لۇغەت يازغان كىشى. مەنچە مەھمۇت قەشقىرى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر شەخس، چۈنكى تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى. تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان كىشى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى ئانا تىلىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. مەھمۇت قەشقىرى `تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسىرىدە تۈرك تىلىنىڭ قانچىلىك باي بىر تىل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. قانچە مىڭ يىللىق تۈرك تارىخىغا قارايدىغان بولسىڭىز، مەھمۇت قەشقىرىدەك كىشىدىن پەقەتلا بىر قانچە كىشىنى كۆرەلەيسىز. مەسىلەن قارامانلى مەھمەت، مۇستافا كامال ئاتاتۈرك. مەنچە مەھمۇت قەشقىرى تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىدۇر. بىز مەھمۇت قەشقىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلساق ئاز دەپ ئويلايمەن."
ئاسلىخان يازىجى خانىم ئانا تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈرك دۇنياسىدىكى بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىغا ئىگە چىقماسلىقىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "1993-يىلى كۆڭلۈمنى قاتتىق يېرىم قىلغان ئىككى ۋەقە بار. بۇ يىللاردا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىل بولغان ئىدى. تۈرك دۇنياسى ئويغىنىۋاتاتتى. بىز بىر كۈنى تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكى قۇرۇلىدۇ دەپ ھاياجانلىنىپ كۈتىۋاتاتتۇق. ئۇ يىلى تۇنجى قېتىم قارا دېڭىز ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركمەن، ئەزەرى، ئۆزبەك ۋە قازاق ئىدى. ئەمما ئۇلار بىر - بىرى بىلەن رۇسچە سۆزلەشكەن ئىدى. يىغىندا ھەممىسى ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئەمەس، رۇسچە سۆز قىلدى. گەرچە بۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى17 يىل ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى. ئەپسۇسكى رۇسچىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى، تېخىچە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە رۇس تىلى ئىشلىتىلمەكتە. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن تۈركىيىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز -ئارا رۇسچە گەپ قىلىشىدۇ. شۇڭا بۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇنىڭ ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈسىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك."
ئەنقەرە ئۈمىد كۆي ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تۈركچەم كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاسلىخان يازىجى خانىم بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا مەھمۇت قەشقىرىنى ئاڭلاتماقچىمىز. مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بىر ژۇرنال چىقارماقچى بولۇۋاتىمىز. ژۇرنال چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىمىز پۈتۈپ قالدى. تېخنىكا خىزمەتلىرىمىزلا قالدى. بۇ ژورنىلىمىز يېقىندا چىقىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بۇ ژورنىلىمىزنى بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرىگە ياراشقىدەك، سەۋىيىلىك قىلىپ نەشر قىلىمىز. بۇ ژورنالنى پەقەت تۈركىيىدىلا ئەمەس، ئەجداتلىرىمىز كەلگەن تۈركىستانغىمۇ يەتكۈزىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەتتۇر."
0:00 / 0:00