مەھمۇت قەشقىرى يۇرتى قەشقەردە خاتىرىلەندى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 ‏ - ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس مۇتەپەككۇرى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالىمنىڭ يۇرتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

چەكلىك كۆلەمدىكى غەيرى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بۇ پائالىيەت قەشقەردىكى بەزى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە قەشقەردىكى بىر قىسىم نامدار زىيالىيلار قاتناشقان.

پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر پائالىيەتنىڭ چوڭ كۆلەملىك ۋە داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئويلاشقان، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى زور كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا شارائىت يار بەرمىگەن.

27 ‏ - دېكابىر كۈنى11 ‏ - ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىمنى خاتىر - لەش پائالىيىتى ب د ت 2008 ‏ - يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى، دەپ تىزىمغا ئالغاندىن بېرى دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدە مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسىمى.

بۇ قەشقەردىكى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدا تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلىشىدۇر. 27 ‏ - دېكابىردىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قەشقەر "بىلكەنت تىل تەربىيە مەركىزى" بىلەن "ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى" ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كونا دەرۋازا يېنىدىكى نۇرلان تېز تاماقخانىسىنىڭ 2 ‏ - قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان شەخسلەرنىڭ بىرى " بىلكەنت تىل تەربىيىلەش مەركىزى" دىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر زات رادىئومىزغا پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. "تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200 دەك ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتكە قاتناشقان 50 دەك ئەدىب بىزنىڭ بىلكەنت تەربىيىلەش مەركىزى بىلەن ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرىگە بېغىشلىما يېزىپ بەردى. قۇربانجان روزى شەيدائىي ئۆزىنىڭ ھۆسنى خەت ئەسىرىنى تەقدىم قىلدى. 7 ‏ - ۋە 5 ‏ - ئوتتۇرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى سوغا قىلدى. پائالىيەت ئاددى - ساددا بولغان بولسىمۇ، قەشقەردىكى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدىبلەر ئەڭ كۆپ قاتناشقان تەبرىكلەش پائالىيىتى بولدى. بۇ پائالىيەت بىلكەنت تەربىيىلەش مەركىزى بىلەن ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى شەخسى ئۆتكۈزگەن پائالىيەت. لېكىن پائالىيەتكە ھۆكۈمەتنىڭ نەشرىيات، سەنئەت ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك گېزىتخانىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر ئۆز شەخسى نامىدا قاتناشتى. بۇ پائالىيەت دۆلەت ئىچىدىكى رەسمى يىغىن تۈسىنى ئالمىغان. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب ۋاقىت بىر ئاز جىددى بولغاچ ، تەستىقلىتىشقا ئامالىمىز بولماي، دوستلار چېيىغا ئوخشاش ئاددى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. لېكىن سورۇننىڭ كەيپىياتى چوڭ يىغىنلاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە قىزغىن بولدى."

قەشقەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت سېپىدىكى نامدار زىيالىيلار، شائىرلار تەكلىپ قىلىنغان پائالىيەتكە قاتناشقان ئىشتىراكچىلار ئىچىدە ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ئۆمەر ئوسمان شىپاتېكىن، ئابلىكىم روزى ، قۇربانجان روزى شەيدائىي، چىمەنگۈل ئاۋۇتلارغا ئوخشاش شائىر، خەتتاتلار، سەنئەتكارلار ۋە زىيالىيلار بار ئىدى.

شائىر ئۆمەر ئوسمان شىپاتېكىن، ئەسىرىم مۇنبىرىدىكى ساداقەتجانلار شېئىرلار ئوقۇغان. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قاتارلىقلار مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى توغرىسىدا نۇتۇقلار سۆزلىگەن. ئۆمەر ئوسمان شىپاتېكىن يەنە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلار نەسەبنامىسىنى ئېنىقلاش جەريانىدىكى ئىزدىنىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

بىلكەنت تەربىيىلەش مەركىزىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى زات مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتىنىڭ " ئۆزلۈكنى تونۇش" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. " بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۆزلۈكنى تونۇشدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نېمە دېگەنلىك دېگەندە ، بىز بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىز، دەيمىز ، لېكىن بىز ئۆزلۈكىمىزنى تونۇپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىنىڭ شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئاتا ‏ - بوۋىسىنىڭ يولىدىن مېڭىپ شۇ ئارقىلىق زامانىۋىيلىقىمىزنى ھېس قىلمىساق، بىز تەرەققى قىلىمىز ۋە ياكى ئۆزىمىزنى تونۇتىمىز، دېگەنلىك ھېچنېمىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا ) مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش( ئۆزىنى تونۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن."

مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى خىتاي تىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ - كۆلەملىك ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئۇيغۇر يەسلى ۋە باشلانغۇچ مائارىپىنى خىتاي تىلىدا يولغا قويۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولى بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھادىسە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا جىددىي ئەندىشە ياراتماقتا ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى، بىلكەنت تەربىيىلەش مەركىزىدىكى يەنە بىر زات، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە ھازىرقى شارائىتتا بىزنىڭ تىلىمىز بولۇپمۇ خەنزۇ تىلىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭ شارائىتىدا مەسىلەن ، ھازىر مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قوش تىللىق بولۇپ كەتتى. ئاتا - ئانىلار پەقەت جېنىنى بېقىش ئۈچۈنلا بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنۇتقان. تىپىك خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ماسلىشىپ كەتكەن بالىلار چوڭ بولۇۋاتىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ كىيىم ‏ - كېچىكى، يۈرۈش - تۇرۇشى ياكى خۇي - پەيلى دېگەن تەرەپلەردىنمۇ بۇلار پەقەت ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان كىشىلەرنىلا تەربىيىلەۋاتىدۇ .... ئەمدى بىز مۇشۇنداق بىر پائالىيەت قىلىپ، ياشلارنىڭ كاللىسىدا بۇ جاھان مۇنداقكەن، بىزنىڭ بىر ئالىمىمىزنى پۈتكۈل دۇنيا قوللاۋېتىپتۇ، بىز ئەسلى مۇنداق بىر ئادەمكەنمىز، بىز بۇندىن كېيىن قانداق ياشىساق بولىدۇ. بىز ئۆگىنىش ئىشلىرىمىزدا ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمىزدا بىز نېمىنى ئويلىساق بولىدۇ، دېگەن نەرسىلەرنى كاللىسىدا تونۇپ ياشىسۇن، دېگەن ئاساستا بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بارغان."

لېكىن يۇقىرىقى زات بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقانلار سانى ۋە پائالىيەتنىڭ كۆلىمى چەكلىك دائىرىدە بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەسلى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا زور كۆلەملىك ۋە داغدۇغا بىلەن خاتىرىلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭغا يار بەرمىگەنلىكى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتكە زور كۆلەمدە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى، لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەھۋالى ئۆزىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "راست گەپنى قىلسام بۇ ئۈمىدىمگە يېتەلمىدىم دېسەم بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەسلى پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى. يازغۇچى - شائىرلار بولۇپ 40 دەك ئادەم كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 كە يېتىدۇ. ئەمدى قەشقەر شارائىتىدا ئۆزىمىزدىمۇ بىر دەككە - دۈككە بار. چۈنكى بىز بۇ بىر قېتىملىق پائالىيەتنى قىلىپ بولۇپ يەنە ياشىشىمىز كېرەك. قەشقەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ناھايىتى چىڭىپ كەتتى. بۇ پائالىيەتنى قىلىشتىمۇ بىر خىل دەككە - دۈككە بار .... مېنىڭ ئويۇمدا ئەسلى مۇشۇ قەشقەر )رايونى( دىكىلەرنى، يىراقلارغىغۇ كۈچىمىز يەتمەيدۇ. لېكىن يېقىن ئەتراپتىكى قەشقەر ، خوتەن، ئاتۇشتىكى يازغۇچى ‏ - شائىرلاردىن بولۇپ 200 كىشىنى تىزىملىغان. چاقىرىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 500 - 600 كىشىنى چاقىرىپ ھەقىقىي داغدۇغىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىمەن، دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى. لېكىن ۋەزىيەت بۇنىڭغا يار بەرمىدى.... لېكىن ‏)پائالىيەت( قەشقەر مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ياخشى پائالىيەت بولدى، دەپ قارايمەن."

بىلكەنت تەربىيىلەش مەركىزىدىكى يەنە بىر زات ئەگەر پائالىيەتنى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ يىغىندا ئوقۇلىدىغان ماقالىلىرىنى تەكشۈرەيدىغانلىقى، لېكىن بۇ، يىغىننىڭ ئەركىن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": شارائىت بۇنىڭغا يار بەرمىدى. ئەگەر تەستىقلاتساق بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بار، بولۇپمۇ بىر قانچە ئورگانلار بار، ئۇلار قانداق ماقالىلەرنى ئوقۇيدۇ، كىملەر قاتنىشىدۇ، دەپ ئۆزىگە كۆرە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ناھايىتى قىستاپ قالغان ئىدى. پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەپ ئېلان چىقارغاندىن كېيىن بۇ بىر ئاي ئىچىدە ھەممىنى پۈتتۈرگىلى بولماي قالدى. شۇڭا تەستىقلىتىشقا ئۈلگۈرمىگەن."

قەشقەر نۇرلان تېز تاماقخانىسىدىكى مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان مەھمۇت قەشقىرى توغرىسىدىكى 2‏ - پائالىيەت بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن 11 ‏ - ئاينىڭ 27 ‏ - كۈنى قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەر، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساس قىلغان تار دائىرىلىك بىر رەسمىي خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. لېكىن شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قەشقەردىكى ھاجى مىرزاھىد كېرىم، ئابدۇللا ئەخمىدىگە ئوخشاش يەرلىك مۆتىۋەر زىيالىيلار چاقىرىلمىغان ئىدى.