30 يىل داۋام قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نېمە نەتىجە بەردى؟

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 30 يىلدىن بېرى مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى تەشۋىق قىلدى. ھەتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسىنى تولۇق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغاندىن باشقا، ئۇنى بالىلار دەرسلىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

0:00 / 0:00

30 يىل بولدى، ھەر ماي ئېيى مەخسۇس بىر ئاي مۇنتىزىم ھالدا ئۇيغۇر ئېلى خەلقى ياش-قېرى، ئەر-ئايال، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئوخشاش بىر سىياسىي ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئۇ بولسىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى» ئېيى پائالىيەتلىرى. بۇ ھەرىكەت 1983-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى ماي ئېيىدا جايلار، تارماقلار تەرىپىدىن تۈرلۈك شەكىللەردە قانات يايدۇرۇلۇپ كەلدى.

ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ھەر يىلى ماي ئېيى مۇنتىزىم كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا كۈندە، ھەر يەردە، ھەر خىل يوسۇندا داۋاملىشىپ كەلگەن سىياسىي تەربىيە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلالمايدۇ، خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئارا ئايرىلالمايدۇ» دېگەن شوئار ئۇيغۇر ئېلىدە تىلى چىققان بالىدىن تارتىپ ياشانغان كىشىلەر ھەممىسىگە يادا بىر شوئار، يەنى 30 يىل داۋاملاشقان بۇ خىل سىياسىي تەربىيە پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل يوسۇندا داۋاملاشماقتا.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۇ يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تارقاتقان ئىدى، ماي ئېيى كىرىشى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مانا بۇ خىل سىياسىي تەربىيە دولقۇنى قايتا كۆتۈرۈلدى. خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ ماۋزۇسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئانا ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۆتكۈر توقۇنۇشتىن كېيىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكتە. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىلىدىغان ئاساسلىق دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزگەنىدى، يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، خىتاي تۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامىغا خىلاپلىق قىلغۇچى شەخس ياكى ئورۇنلار مەمۇرىي چارە ياكى جازاغا ئۇچراپلا قالماي قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان بولدى.

قېنى ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 30 يىلدىن بۇيان كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نېمە نەتىجە بەردى، بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى، نۆۋەتتە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەزى جايلار بۇ يىلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتىنىڭ مۇددىتىنى بىر ئايدىنمۇ ئۇزارتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-ماي خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 28-فېۋرال بەخت يولى ۋەقەسى يۈز بەرگەن قاغىلىقتا بولسا بۇ قېتىمقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى باشقا جايلاردىن بىر ئاي بۇرۇن يەنى 4-ئايدىلا باشلانغان بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر قاغىلىقتا «يۈز كۈنلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتى» نى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.