خەۋەرلەرگە كۆرە، سايلام 23-24-ماي كۈنلىرىگىچە داۋاملىشىدىكەن. 26-ماي كۈنى ھەر بىر نامزات ئۈچۈن تاشلانغان ئاۋازلار ساناپ چىقىلىپ، 29-ماي كۈنى سايلامنىڭ نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.
ناۋادا نامزاتلاردىن بىرەرسى ئۆزى مۇستەقىل ھالدا يۈزدە 50 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، سايلام 16-17-ئىيۇن كۈنلىرى قايتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، نەتىجە 21-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 23-ماي كۈنىدىكى سانىدا، مىسىرلىق يازغۇچى ئالا ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىن«ھەقىقەت ۋە رەقەملەر»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بۈگۈن مىسىردا رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن نامزات كۆرسىتىلگەن 13 نەپەر نامزات ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. سايلام تىنچلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. 13 نەپەر نامزاتنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىكلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەمر مۇسا، مۆتىدىل ئىسلامچىلاردىن ئابدۇلمۇنئىم ئەبۇ فۇتۇھ، مۇبارەكنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە مىسىرغا باش مىنىستىر بولغان ئەھمەد شەفىق، سولچىلاردىن ھەمد ئىبنى ساباھى، ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن جامائىتىدىن مۇھەممەد مىرسى قاتارلىقلاردۇر. يۇقىرىقى 5 نامزاتتىن بىرىنىڭ مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنمىغۇچە ھېچكىم كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.»
سايلامغا قاتناشقانلار كۈتكەندىنمۇ كۆپ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بۈگۈنكى رەئىسلىك سايلىمىغا 50 مىليون 266 مىڭ ئادەمگە سايلاش ھەققى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوپ سانلىقى راستىنىلا سايلامغا ئىشتىراك قىلغان. يەنە 100مىڭ ئادەمنىڭ قانۇنىي سەۋەبلەر بىلەن سايلاش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. شۇڭا ئۇلار سايلامغا ئىشتىراك قىلمىغان. چەتئەللەردىكى مىسىرلىقلاردىن 166 دۆلەتتىن جەمئىي 586 مىڭ ئادەمنىڭ سايلامغا ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلگەن بولۇپ، 200مىڭغا يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلغان. سايلام ئۈچۈن 351 كومىتېت قۇرۇلغان بولۇپ، 13079 يەردە سايلام مەركىزى قۇرۇلغان. سايلامغا 35 دۆلەتتىن 80 نەپەر كۆزەتچى قاتناشقان. سايلامغا نامزات بولغانلارنىڭ ياش جەھەتتىن ئەڭ چوڭى ئەمىر مۇسا بولۇپ، 76ياشتا. ئەڭ كىچىكى 40 ياشتا بولۇپ، سولچىلاردىن خالىد ئېلى ئىسىملىك نامزاتتۇر.»
