ئۇيغۇر ناخشىچىسى مىرزات ئالىم سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلدى

ئاتاغلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مىرزات ئالىم 2 - ئاۋغۇست كۈنى، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى ئىچىدىن بايقالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.08.24
Mirzat-Alim-tar-kocha-Urumqi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯩﺮﺯﺍﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ "ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﺎ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مىرزات ئالىمنىڭ ئورۇنلىشىدىكى "تار كوچا " ناخشىسىنى ئاڭلىمىغان ئۇيغۇر يوق بۆلۇشى مۇمكىن. ئاتاقلىق ناخشىچى مىرزات ئالىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 90 - يىللاردا ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان "تار كوچا"، "ئاجراشماڭلار ئاتا - ئانىلار"ناملىق ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىرزات ئالىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە خىلمۇ - خىل پەرەزلەر بولۇنماقتا. مىرزات ئالىمنىڭ بىر كەسىپدىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىرزات ئالىمنىڭ جەسىتى 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆز ئويى ئەتراپىدىكى بىر كوچىغا باشقىلار تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى ئىچىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ كىشى بىزگە مىرزات ئالىمنىڭ ناھايىتى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ بۇ ھەقتە كوپ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

 مىرزات ئالىمنىڭ چەتئەلدىكى بىر تۇغقىنى ئۆزىنىڭ مىرزات ئالىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما مەرھۇمنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھەتتا ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ھېلىغىچە ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مىرزات ئالىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، ۋەتىنىم تور بېتىنىڭ 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەرھۇم 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى (يەكشەنبە) ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەنچە دېرىكى بولمىغان، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مىرزات ئالىمنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر كوچىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى ئىچىدىن مەرھۇمنىڭ جەسىتى تېپىلغان، بۇ چاغدا جەسەت سېسىشقا باشلىغان بولۇپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ھالدا تاشلاپ قويۇلغان، بىر كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكەن، بەدىنىدە تاياق زەربىسىنىڭ ئىزلىرى قالغان. مىرزات ئالىمنىڭ ئايالى ۋە ئاچىسى جەسەتنى ئەدلىيە دوختۇرلىرىغا تەكشۈرتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە دوختۇرلىرى، "يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن" دېگەن خۇلاسىنى يېزىپ بەرگەن. مىرزات ئالىمنىڭ ئائىلىسى ئۆلۈم سەۋەبى ئاشكارا بولمىسا، مېيىتنى يەرلىكىدە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جەسەتنى 3 كۈن ساقلىغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمى بىلەن 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى (جۈمە) يەنئەن يولىدىكى ئۈزۈمزار رېستورانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جىگدىلىك مەسچىتىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغان.

ۋەتىنىم تور بېتىدىكى خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جىنازا نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4 - 5 مىڭغا يەتكەن.جىنازىنى مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىۋاتقان ۋاقىتتا 10 دىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىلى جامائەتنى قورشىۋالغان بولۇپ، جامائەت قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا مېيىتنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ ماڭغان.

مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2 - ئاۋغۇست كۈنى كېچىدە مىرزات ئالىم بىر ئاغىنىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاۋاتقانلىقىنى دەۋاتقىنىدا، مەرھۇمنىڭ تېلېفونى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىكەن.

ھازىر مىرزات ئالىمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

رادىئومىز مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن ئەھۋالنى بىلىدىغانلارنىڭ بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.