دوكتۇر ئۇسامە ئەھمەد تۈركمەنى تەرىپىدىن يېزىلغان " تۈركلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى قىسقىچە تارىخى" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "مىسىردا قۇرۇلغان تۇلۇنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن مىلادىيە 835 - يىلى ئىراقنىڭ سامەررا رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەھمەد ئىبنى تۇلۇننىڭ دادىسى تۇلۇن بۇخارا ھاكىمى تەرىپىدىن ئابباسىيلار دۆلىتىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، تۇلۇن ئىراقتا كېيىنچە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئەسكەر باشلىقى بولغان. تۇلۇن ئوغلى ئەھمەتكە ھەربىي تەلىم ئۆگەتكۈزۈپ يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە، مىلادىيە 867 - يىلى ئۇنى مىسىرغا ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەن. مىسىرغا بارغان ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن مىسىردا مۇستەقىل تۇلۇنىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ 40 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان."
ئەھمەد ئىبنى تۇلۇننىڭ مىسىردا قالدۇرغان ئىزلىرى
مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئەھمەد ئىبنى تۇلۇننىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىردا قىلغان ياخشى ئىشلىرى ۋە تەسىس قىلغان يېڭىلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان بولسىمۇ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپلىرىنىڭ ئىزى ئۆچۈپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئىككى چوڭ ئىشى ھازىرمۇ مىسىر خەلقىگە تۇلۇنىيە دۆلىتىنى ئەسلىتىپ، كۆزلەرنى چاقنىتىپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ بىرى مەشھۇر تۇلۇنىيە مەسچىتى، يەنە بىرى ئۆز ئىسمىدىكى دوختۇرخانا. مىسىردىكى تۇلۇنىيە مەسچىتى ئەڭ مەشھۇر مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىبنى تۇلۇننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن مىسىردا تەسىس قىلغان دوختۇرخانا شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر دوختۇرخانا بولۇپلا قالماستىن، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دوختۇرخانىلىرىدا بولمىغان ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىدى. مەسىلەن: ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن قۇرغان دوختۇرخانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، دوختۇرخانىغا كەلگەن كېسەلنىڭ كىيىمى دوختۇرخانا ئامانلىقىنى ساقلاش بۆلۈمى تەرىپىدىن سالدۇرۇپ ئېلىپ قېلىنىپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس بىمارلار كىيىمى كىيگۈزۈش ۋە ئۇنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتىش ئىدى. ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن قىلغان بۇ ئىلغار ئىشنى مىسىردا يا ئۆتمۈشتە ياكى ھازىرقى زاماندا ھېچقانداق بىر ھۆكۈمدار قىلىپ باققان ئەمەس.
ئەھمەد ئىبنى تۇلۇننىڭ ۋاپاتى ۋە تۇلۇنىيە دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشى
مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "889 - مىلادىيە يىلى ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختى ئوغلى خۇمارەۋەي دېگەن كىشىگە قالغان. پادىشاھ خۇمارەۋەي شىجائەتلىك، قورقماس ۋە تەجرىبىلىك پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختتە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن، تۇلۇنىيە دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ، مىسىرنىڭ جەنۇبىدىن ئىراقتىكى فۇرات دەرياسى بويىغىچە بولغان جايلارنى ئېلىپ ئۆز دۆلىتىگە قوشۇش ئارقىلىق ئابباسىيلار دۆلىتىگە تەھدىت پەيدا قىلغان. خۇمارەۋەي دەمەشىقتە ئۆزىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جىنازىسى مىسىرغا ئېلىپ كېلىنىپ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى مەشھۇر "جەبەل مۇقەتتەم" قەبرىستانلىقىغا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئوغلى 896 - يىلى ئابباسىيلارنىڭ سۇيىقەستى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇلۇنىيە دۆلىتى قاتتىق ئاجىزلىشىشقا يۈز تۇتىدۇ ۋە 904 - يىلىغا كەلگەندە بۇ دۆلەت ئابباسىيلار تەرىپىدىن يېقىتىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.