مونا خانىم' :ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن قارايمەن'

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان سەنئەتكار مونا خانىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۆز ناخشىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

"مەن بۇ ناخشامنى خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن. ئاچا-سىڭىل، ئاكا -ئۇكا قېرىنداشلىرىم سىلەر ئازاب چەكتىڭلار. بۇ ناخشا ئەسلى ئەينى چاغدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭنى بېسىۋېلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى. مەن بۈگۈن ئۇنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا قىلىپ چىقتىم. مەن يەنە سىلەرگە شۇنى دەپ قويماقچى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زاۋال تېپىشىغا ئاز قالدى، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار،" دەيدۇ مونا خانىم ئۇيغۇرلارغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ.

مونا خانىم ناخشا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىدا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ پۇرىقى بار. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتلىرىنىڭ بىرى، ناخشا ‏- مۇزىكىلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىشتۇر، ئۇلار شۇ ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ئاخىر ھېسابتا بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزدىنمۇ قۇرۇق قالىمىز."

مونا خانىم يەنە، "مەن ئۆزۈممۇ گۇيجۇدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا چوڭ بولغان، مەكتەپلەردە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كاللا يۇيۇش مائارىپىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدىم ۋە مىللىي كەمسىتىشلەرنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، شۇڭا مەن خىتايدا يۈز بىرىۋاتقان مىللىي مەسىلىلەرنىڭ نېگىزى ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگىمەن،" دەيدۇ.

مونا خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن تۇنجى قېتىم ئالاقە قىلغان ۋە ئۇچراشقان ئۇيغۇر گوللاندىيىدىكى غەيرەتجان روزى بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل مەدەنىيەتكە ئىگە ناھايىتى ئەخلاقلىق ۋە تەربىيىلىك ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش نەزىرىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن قارايمەن. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى سېلىشتۇرغاندا،خىتايلار مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە بىچارىدۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقاتقاندۇر."

مونا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى ياكى ئۆزىنىڭ يۇرت-ماكانىنى قۇرۇش ھوقۇقى بار دەپ قارايمەن. بۇ ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆزىگە تىگىشلىك ھوقۇقىدۇر."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.