لېكىن ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس، شۇنداقلا دائىرىلەر ئۇنىڭ ئىز- دېرىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. مۇھەممەتجاننىڭ سەلكىن تور بېكىتىدىكى بىر توردىشى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە توختالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قارىتىپ، تور باشقۇرغۇچىلار ۋە تور قوللانغۇچىلارنى قولغا ئالغان ۋە تۇتقۇن قىلغان.
مۇھەممەتجان ئابدۇللا شۇ قاتاردا ئىز - دېرەكسىز يوقالغان تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. دوستلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئالاقە قىلغان مۇھەممەتجان شۇنىڭدىن بېرى ئىز - دېرەكسىز.
مۇھەممەتجاننىڭ سەلكىندىكى بىر توردېشى، مۇھەممەتجان ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇنىڭ پىيىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۆھتەررەم ئوقۇرمەنلەر، بۇ پروگراممىمىزدا سەلكىن تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ سەلكىن تور بېكىتىدىكى بىر توردېشى بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللا ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى سىلەرگە سۇندۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.