يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت، مەرھۇم لىدەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەينى زاماندا ياپون دىپلوماتلىرى بىلەن يېزىشقان خەت-چەكلىرى توغرىسىدا، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئارخىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ يازغان تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ ماقالىدە مەرھۇم لىدەر مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ياپونىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە يېزىشقان خەت-چەكلەر توغرىسىدا توختالدى.

يېقىندا ياپونىيە 1930-1940-يىللار ئارىسىدىكى مەخپىي ئارخىپلىرىنى تەتقىقاتچىلارغا ئاچقان. بۇ ئارخىپلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ دىققەت تارتقان ئارخىپ بولسا، 1934-يىلى 11-ئايدىن 1938-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ياپونىيىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن كىتادا ماساموتو بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سۆھبەت خاتىرىسى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تۇنجى تېلېگرافنى ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىراتوگاغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ تېلېگرافتا مۇنداق دېيىلگەن: «خوتەن ئەمىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ چېگراسىدا غېرىب ھالەتتە ياشىماقتا». باش ئەلچى 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان تېلېگرافتا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستانغا كەلگەنلىكىنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياپونلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، مانجۇرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىگە چوڭ بىر ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى سوۋېت كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا كۆزى يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ياپونىيىدىن ئافغانىستان ۋاسىتىسى ئارقىلىق 5000 دانە مىلتىق، 100 دانە ئاپتومات بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باش ئەلچى كىتادا ماساموتۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ، «ئۆز كۈچىمىز بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلىرىنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز» دېگەن سۆزىگە تايىنىپ تۇرۇپ، 1936-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا خاچىروغا، ئۇيغۇرلارنىڭ رۇسلارغا بولغان نەپرىتىنى بىلدۈرگەن بىر تېلېگراف يوللىغان. تېلېگرافتا مۇنداق دېيىلگەن:
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ياپونىيە ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى پاسسىپ ۋەزىيەتتە، چۈنكى ياپونىيە ئاسىيادا بىردىن -بىر كۈچلۈك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاسىيادىكى پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ ئۈمىد نۇرى بولماقتا. بۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن جەرياندا ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئۈمىد مەنبەسى بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.»
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارخىپلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۆپلىگەن قوليازما مەكتۇپلىرى بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ مەكتۇپلارنىڭ ئارىسىدا، شىنجاڭ ئىسلاھات پىلانى دېگەن نامدا بىر مەكتۇپ بولۇپ، بۇ مەكتۇپتا مۇنداق يېزىلغان:
«شەرقىي تۈركىستان ئۇزۇن يىللاردىن بىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋەزىيەتتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۈتكۈل ھەق-ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى. ئوخشاش ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ئارىسىدا ھىيلىگەرلىك بىلەن تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى بۇزماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرى بارغانچە ئاشماقتا. خەلق ئارىسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر ۋە پالاكەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا شەرقىي تۈركىستاننى ئويلايدىغان پەقەت ياپونىيە قالدى.»
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يازغان مەكتۇپلار ئارىسىدا، ياپونىيە ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا مۇنداق يازغان:
- -شەرقىي تۈركىستاندىكى كوممۇنىست كۈچلىرىگە رەسمىي بولمىغان يوللار بىلەن ھۇجۇم قىلىنىدۇ.
- -شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە زەربە بېرىدۇ. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن پۈتكۈل شارائىتلارنى ئىشقا سالىدۇ.»
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشقا بىر دوكلاتىدا يەنە ياپونلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغان تەقدىردە، ياپونلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا يېزىپ ياپونىيىگە يوللىغان. بۇ ھەقتە ئۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
- -ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى باشقۇرىدىغان كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ. ھەر ئىش سايلام بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
- -شەرقىي تۈركىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ياپونىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي مەشىق ئۆگىتىلىدۇ.
- -شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى. سانائەت، قۇرۇلۇش، تۆمۈر يول، قورۇقلۇق يول ۋە كۆۋرۈك ياساش دېگەنگە ئوخشاش قۇرۇلۇشلاردا ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج بولىدۇ.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، شەرقتە مانجۇلار، ئوتتۇرىدا موڭغۇللار ۋە غەربتە شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق رۇس كوممۇنىستلىرىنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىپ، ياۋرۇ-ئاسىيادا ياپونىيىنى مەركەز قىلغان چوڭ بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستانغا كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا ياپونىيىنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىسى كىتادا ماساموتۇ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرغان ۋە ياپونىيىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتكەن بولسىمۇ، نەتىجە كۆرۈلمىگەندىن كېيىن پىكرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سىياسىي ھاياتىم دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق يازغان:
«خىتاي-ياپونىيە ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە بەزى كىشىلەر ماڭا، ياپونلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما مەن بۇنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى ياپونلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇرتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەخمىن قىلمىدىم. ئەگەر مۇمكىن بولغان تەقدىردە بۇ، خوجايىن ئالماشتۇرۇشتىن باشقا بىر ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتىم. شەرقىي تۈركىستان ئۇ دەۋردە خىتاي، رۇس ۋە ياپونلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىدى. دېمەك شەرقىي تۈركىستان، يولۋاس، ئېيىق ۋە بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان قويغا ئوخشايتتى. بۇنداق ۋەزىيەتتىكى قوي ئەلۋەتتە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئەڭ ئاجىز دۈشمەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى، ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاجىز دۈشمەن بىلەن بىرلىشىشنى خالايدۇ.»
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندا ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ چەتئەلدە چوڭ ئىش قىلىشقا مۇۋاپىق بىر ۋەزىيەت بولمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋە خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر قالغان.