ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئات ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، سەلكىن تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، ۋاقىت ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت، ژۇرناللار، بۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق 50دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. خەۋەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ۋەزىيەتنىڭ 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى، ئىپادە ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەققىنى قوللانغانلارنىڭ ۋەھشىي جىنايەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئېغىر جازالار بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەرلەردە، مۇھەممەتجان ئابدۇللا ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ مەخپىي بولغانلىقى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ 8 ئايغا قەدەر دۇنياغا ئاشكارىلانمىغانلىقى ۋە بېرىلگەن جازانىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەزكۇر خەۋەر يەنە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە قويۇلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن. " مۇھەممەتجان ئابدۇللا ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئاتىلىشتا سوتچىنىڭ ھۆكۈمى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمىدۇر؛ يەنى ھۆكۈم سىياسىي بىر ھۆكۈمدۇر." بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە دىلشات رىشىتنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن: "مۇھەممەتجان ئابدۇللا ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئەمەس، ئۇ ئەگەر راستىنىلا شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر يازغان ۋە خەۋەر تەرجىمە قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ژۇرنالىستلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، ژۇرنالىستلىق ئەخلاقىنى نامايان قىلغان. بىز ھۆكۈم چىقارغان سوتنىڭ جەريانى ۋە ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز."

Muhemmedjan-abdulla-turmide-305.jpg
ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللا تۈرمىدە. 2009-يىلى سېنتەبىر. (RFA/Shohret Hoshur)

بۈگۈن خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، مۇھەممەتجان ئابدۇللا يولۇققان جازانىڭ، بۈگۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زەربىنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بۈگۈن دۇنيادىكى باشقا دىكتاتور دۆلەتلەردىكى قەلەمكەشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ دەرىجىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىنمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، سەلكىن تور بېتىدە خالىسانە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 300 گە يېقىن قەلەمكەش ۋە يېزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى 5 ‏-ئىيۇلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ خەۋەرنى ھازىرغىچە ئىسپاتلاش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلىشى، تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان ئەنسىز خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.