شۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەزكۇر 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۆپ قېتىم مەلۇمات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق يوپۇرۇپ كەلمەكتە. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشىدا، 20 كىشى ئىچىدىكى مۇسا مۇھەممەد ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن بولغان مۇسا مۇھەممەد 17 يىللىق كېسىلگەن.
يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇسا مۇھەممەد ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزا 15-كەنتىدىن. بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن مۇسا مۇھەممەد كامبودژادىن قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىغا سولانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر يانبۇلاق تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سوت ئېچىپ ئۇنىڭغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. مۇسا مۇھەممەدنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى، مۇسا مۇھەممەدنى سۈرۈشتە قىلىپ قەشقەر يانبۇلاق تۈرمىسىگە ئىككى قېتىم بارغان. تۈرمە ساقچىلىرى مۇسا مۇھەممەدنىڭ تۈرمىدە بارلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئۇلارنى كۆرۈشتۈرمىگەن؛ ئۇلار ئېلىپ بارغان كىيىم-كېچەك ۋە يىمەك-ئىچمەكنىمۇ قوبۇل قىلمىغان.
مۇسا مۇھەممەدنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ئۇنىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك سوتقا بېرىپ، سوتنىڭ ھۆكۈم قەغىزىنى تەلەپ قىلغان. سوت خادىملىرى سوت ھۆكۈمىنىڭ مۇسا مۇھەممەدنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئائىلىسىگە بۇ ھەقتە يازما ئۇقتۇرۇش بېرىشنى رەت قىلغان. سوتچىلار مەزكۇر ئائىلىگە مۇسا مۇھەممەدنىڭ 17 يىل كېسىلگەنلىكى ۋە تۇرپاننىڭ داخىيەن تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاغزاكى ئۇقتۇرۇپ قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇسا مۇھەممەد نۆۋەتتە تۇرپاننىڭ داخىيەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.