نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى شىددەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەيشەنبە، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھەر مەركىزىدىن باشلاندى. ئوسلو شەھىرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن نامايىش قوشۇنى بىلىگە ئاق باغلاپ، قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شەھەر مەركىزىدىكى پويىز ۋاگزالىنىڭ ئالدىدىن پارلامېنت بىناسىغا قاراپ يولغا چىقتى.

نامايىشچىلار يول بويى "خىتايلار دىكتاتۇر"، "خىتايلار فاشىست"، خىتايلار تېررورچى"، "خىتاي: ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك" دېگەندەك جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاپ كوچىنى لەرزىگە سالدى.

نامايىشچىلار سىپىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كىتىۋاتقان كىچىك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى قىزىققۇچى ئاممىغا تارقىتىپ ماڭدى.

نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى 2 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان نامايىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن نامايىشنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولغان خىتاينىڭ ئوسلو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلىچىخانىسىغا قاراپ يۇرۇش باشلىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار خىتايچە ۋە نورۋېگچە تىللاردا شۇئارلارنى توۋلىدى، خىتاينىڭ بايرىقىنى كويدۇردى.

بۈگۈنكى بۇ نامايىش، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ شىددەتلىك نامايىش بولۇپ، نامايىش چۈشتىن كەيىن سائەت 5:30 دا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.