دەل مۇشۇ كۈندە مىللى زۇلۇم ۋە خورلۇق جېنىغا پاتقان،دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن غۇلجا ياشلىرى مۇستەھكەم بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ غۇلجا كوچىلىرىدا دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن نامايىش قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا نارازىلىق نامايىشى ئۇچۇن تەييارلانغان لوزۇنكىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى زامان دېموكراتىك ھەرىكىتىدە زور تەسىر قوزغىغان بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسكىن ئىنكاسىنى بىلدۈرۈش ئۇچۇن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ھەر يىلى خاتىرىلەش،بىگۇناھ شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ۋە تۈرمىلەردە ئازاپ چېكىۋاتقان گۇناھسىز قېرىنداشلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ياد ئېتىشنى مۇشۇ كۈندىكى مۇھىم پائالىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.
شۇ تۈپەيلىدىن بۈگۈن يەنى 5 - فېۋرال كۈنى پايتەخت ئوسلودىكى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ۋە شېھىت قىلىنغانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن رەسىم رامكىسىنى كۆتۈرۈپ،ئۇيغۇرچە، نورۋېگچە ۋە خىتايچە تىلدا جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆمەرجان ئاكا، ئۆمەر ھاجىم، ۋە ئەھەت ئەپەندى قاتارلىق نامايىشقا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى ۋە نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت 2 دە باشلىنىپ سائەت 3 تىن ئاشقاندا نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.