نورۋېگىيىدە 26 - ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىگە قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

26 - ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شاۋگۇئەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قارىتا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئولتۇرۇش، يارىلاندۇرۇشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2009.07.05
Norwigiye-Namayishtin-bir-kornush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ 3 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻮﺭﯞﯨﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮔﯘﺋﺎﯕﺪﯗﯕﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻫﻪﻡ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Aygul Yusup

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا دۇنيا بويىچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق چىقاردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى چاقىرىققا ئاساسەن 3 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەم يۈز بەرگەن بۇ قانلىق پاجىئەنى دۇنيا ئەھلىگە بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.