نورۋېگىيىدە 26 - ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىگە قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

26 - ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شاۋگۇئەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قارىتا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئولتۇرۇش، يارىلاندۇرۇشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا دۇنيا بويىچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق چىقاردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى چاقىرىققا ئاساسەن 3 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەم يۈز بەرگەن بۇ قانلىق پاجىئەنى دۇنيا ئەھلىگە بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.