نورۋېگىيىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۈگۈن 5 - فېۋرال جۈمە كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېنچلىق نامايىشى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، غۇلجا قەھرىمانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇنتۇلماس كۈرەش شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن زور سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى بۇ ئەھمىيەتلىك تارىخى كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

بۈگۈن 5 - فېۋرالنى خاتىرىلەشكە كەلگەن نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا رەتلىك تىزىلىپ نورۋېگ ،ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرىدا "خىتاي دىكتاتور!"، " خىتاي تېررورىست!" ، "ياشىسۇن غۇلجا شېدىتلىرى !"، "ۋەتەن قەھرىمانلىرى ئۆلمەيدۇ!"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، " سىياسىي مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك"، "دىنىي ئەركىنلىكىمىز قايتۇرۇپ بېرىلسۇن"، "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توختات"، "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە سالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ غەزەپ - نەپرەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاتا - ئانىلىرى بىلەن بىرگە نامايىشقا قاتناشقان كىچىك ياش قىزلار، نامايىشچىلار ئاممىسىغا قىزىققۇچى نورۋېگ ۋە باشقا چەتئەللىكلەرگە تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى تارقىتىپ ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بۇگۈنكى بۇ نامايىش نورۋېگىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 4 كىچە 2 سائەت داۋام قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.