'نۇر بەكرى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئىلگىرىكى رەئىسلەردىن ئاشۇرۇۋەتتى'

يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش' سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

نۇر بەكرىدەك ئادەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى سوتسىيالىزم

يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، نۇر بەكرى ئۆزى شۇ مىللەتتىن تۇرۇپ يەنە شۇ مىللەتنى خانى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى سوتسىيالىزم.

نۇر بەكرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئىلگىرىكىلەردىن ئاشۇرۇۋەتتى

كۈرەش ئاتاخاننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، نۇر بەكرى ئۆزىدىن بۇرۇنقى قورچاق رەئىسلەرنىڭ خىتايغا ئەگىشىش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇلاردىن ئاشۇرۇۋەتتى.

نۇر بەكرى مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە چىقىدۇ

كۈرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، ئەگەر نۇر بەكرى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق باستۇرۇۋەرسە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە چىقىدۇ.