" قەشقەر ئەدەبىياتى" جۇرنىلىنىڭ 2004 - يىلى 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن كىشىلەرنى "بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزىمغا كۈشكۈرتۈش" بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، جازا مۇددىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى "شىنجاڭ - 1 تۈرمىسى"دە ئۆتەۋاتقان ئىدى.
2004 - يىلى 11 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا سوتلانغان يازغۇچىنىڭ جازا مۇددىتىنى تولدۇرۇشىغا يەنە ئاز دېگەندە 5 يىل ۋاقىت بار. يازغۇچى ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمىگە يۆتكەپبېرىلغان دەسلەپكى يىللاردا تۈرمە زاۋۇتىدا ئەمگەككە سېلىنغان بولۇپ، ئائىلىسى بىلەن ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىناتتى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆزگەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى نۇرمۇھەممەت ياسىن تۈرمە زاۋۇتىدا ئەمگەككە سېلىنىشتىن توختىتىلغان. ھەر كۈنى سىياسى ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلىۋاتقان يازغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشۈشى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىمغا قىسقارتىۋېتىلگەن.
لېكىن نۇر مۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ 2005 - يىلى نويابىردا 1 - تۈرمىنى زىيارەت قىلىپ، نۇرمۇھەممەت بىلەن كۆرۈشۈش ۋەقەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۈرمە دائىرىلىرى ب د ت ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن يازغۇچىنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىغا نۇرمۇھەممەتنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا مۇنداق دەيدۇ": ئۇلار ب د ت تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىزگە ئېيتتى. تۈرمىنىڭ بىر ئەمەلدارى ب د ت نىڭ خادىمى كەلدى، لېكىن ئۇنىڭ ( نۇرمۇھەممەتنىڭ) ئۆزگىرىشى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. سىلەر ياخشىراق خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ياخشىلاڭلار، دېدى."
لېكىن 1 - تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر ۋە مەتبۇئات ۋاستىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى. 1 - تۈرمىدىكى دائىرىلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەھبۇسلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەي ئۆزلىرىنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا كېلىشىۋالغاندەكلا قىلاتتى.
تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خانىم دەسلەپتە ئۆزىنىڭ 1 - تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالدى شۇنداقلا نۇرمۇھەممەتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك، 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭ، لاسا ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم تۈرمىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇ، ئۈرۈمچىدە 1 - تۈرمىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر تۈرمىدىكى نۇرمۇھەممەت ياسىن بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەنھا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مانفرېد نوۋاك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە ئىكەنلىكىنى، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىدىن شىكايەتچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىدىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى كىشى، ب د ت ئەمەلدارىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن تۈرمە تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " شۇلار (ب د ت خادىمى) كەلگەندىن كېيىن تۈرمىنىڭ تۈزۈمىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋەتتى. بۇرۇن ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشەلەيتتۇق، ھازىر ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۆرۈشەلەيمىز،" دەيدۇ.
مانفرېد نوۋاك ئۈرۈمچى ۋە لاسالاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، "يەرلىك ساقچىلار ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمىگەن. بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر مەسىلە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى. ئۇلار بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ج خ مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ئارىسىدا توقۇنۇش بار. بۇ ئورگانلارنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى زور، ئۇلار ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەت تۈزۈپ، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم."
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەھۋالى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1 - تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچىغا " ئىدىيىۋى ئۆزگەرتىش " ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يازغۇچىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئىكەنلىكى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا " بۇ مەسىلىگە بىز قۇرۇلتاي جىددى قارايمىز ھەم كېرەكلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دەرھال مۇراجەت قىلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە بولۇپمۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى ھازىرقى ئەھۋالنى قايتىدىن ب د ت دىن ئادەملەر بېرىپ ئېنىقلاپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلىمىز ھەم شۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز"، دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا ناھىيىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 7 يىلدىن ئارتۇق جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ دېلوسىغا مارالبېشى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇ ناھىيىلىك سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنغان. قەشقەرلىك ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ قارار چىقارغان.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز يازغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورگانلاردىن ھېچقانداق جاۋاب خەت كەلمىگەن.