ماقالىدە ئاپتور خىتايدىكى ئادۋوكات شۈ جىيۇڭ ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ بۇ يىل 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
ماقالە ئاپتورى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى جون ھونتسمان ئەپەندىنىڭ 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېلان قىلغان "ئامېرىكا پرېزېنتى براك ئوباما 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر مەزگىل توختاپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى نورماللىشىشى مۇمكىن" دېگەن سوزىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ 11 - ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىماقچى بولسا كېرەك دېگەن.
جون گارنائۇت ماقالىسىدە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ "ئۇيغۇر بىز " تور بېتى ھەققىدە توختىلىپ، " ئىلھام توختى ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر قاتار ماقالىلەر خىتايدىكى ئۇيغۇر مىللىتى بۇ يىللاردا ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگىنى ئۇچۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوچ ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان" دەپ يازىدۇ.
بۇ يىل 6 - ئىيۇل كۈنى يەنى "ئۈرۈمچى نامايىشى" بولۇپ ئەتىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ يۈز بېرىشىدە "ئۇيغۇر بىز قاتارلىق تور بەتلىرى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېردىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىپ، خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى ئۇلغايتىۋەتكەن " دەپ ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
جون گارنائۇت ماقالىسىدە يەنە، باش شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكولىننىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، "شۇ جىيۇڭ ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇن دائىرىسى ئىچىدە سۆزلىگەن كىشىلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى، ھازىر خىتايدا پۇقرالارنىڭ نورمال پىكىر بېرىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىتاي سىياسىتىدىكى قارشى پىكىردىكىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئالىدىغان دائىرىنىڭ بارغانچە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،" دەپ يازغان.
خىتاي دېموكراتچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم شۇ جىيۇڭ ۋە ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ليۇ شياۋبو قاتارلىقلارنىڭ ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جىيۇڭ ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇن دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ سۆزلىگەن كىشىلەرنىڭمۇ قولغا ئېلىنىشى خىتايدا ھېچقاچان كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، گەرچە خىتاي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى بار دەپ بەلگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇننىڭ ھېچقاچان ئەمەلدە ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم شۇ جىيۇڭ ۋە ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشىنىڭ، بەلكىم بۇ يىل نويابىردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامانىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ 6 ھەپتىلىك نەزەربەند ئاستىدا تۇرغىنىدا، ساقچىلار گەرچە سىلىق مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيقۇسىز قويغانلىقىنى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى پەقەت 2 سائەتلا ئۇخلىيالىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۇچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ھەقىقىي ھالدا ئىجرا قىلىنىشىدىن ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.