بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى. بۈگۈن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئوبامانى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ بىر نەچچە سائەت ئايرىم سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ھەر ئىككىسى بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭلا ئارزۇيى ئەمەس، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇيى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە، كېلىمات ئۆزگۈرۈشى مەسىلىسى، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلە قاتارلىقلاردىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆزلەپ 'دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ھەر بىر ئەر ياكى ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭلا ئارزۇيى ئەمەس، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇيى'، 'ئامېرىكا تىبەتنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنداقلا دالاي لامانىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ'، 'ئۆزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادقا لايىق مەسئۇلىيەتچانلىقمۇ ئۆزلۈكسىز كۈچىيىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.
خىتايدىكى ھەممە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشى كېرەك
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بېيجىڭدا خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە 'خىتايدىكى ھەممە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشى كېرەك'، 'كىشىلىك ھوقوق ئامېرىكىنىڭلا قىممەت قارىشى ۋە ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى ئالەمدىكى ھەممە كىشىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىرادىسى' دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ توكيودا قىلغان سۆزىدىمۇ، بۇ نوقتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كۆزىتىۋاتقان تەشكىلاتلار ھازىر تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلانىڭ مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى.
'كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپى پەقەت ئامېرىكىدىلا سۆزلەيدىغان پرىنسىپ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ پرىنسىپى ۋە ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىدىغان پرىنسىپ'
فرانسيە ئاگېتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ سۆزلەشكەندىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا 'كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپى پەقەت ئامېرىكىدىلا سۆزلەيدىغان پرىنسىپ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ پرىنسىپى ۋە بارلىق يەرلىك خەلق ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قانداق ئاز سانلىق كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىدىغان پرىنسىپ' دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ ئاخبارات يىغىنىدا 'بىز داۋاملىق تۈردە تەڭ -بارابەرلىك، ئۆز -ئارا ھۈرمەت قىلىش روھىغا ئاساسەن، بىر -بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالمىغان ھالدا، كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك مەسىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئۈستىدە دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، پەرقلەرنى ئازايتىپ، ئورتاق نوقتىلارنى كېڭەيتىمىز' دەپ بايان قىلدى ۋە 'كىشىلىك ھوقۇق دېگەن مەسىلىدە كېلەر يىلى ئىككىنچى ئايدا ۋاشىنگتوندا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا كېلىشتۇق' دەپ قوشۇپ قويدى.
خىتاي، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلىغان
ھازىر مەلۇم بولغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي بۇ ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلمىغان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقى سۆزلەشكەن مەزمۇنلارنى خەۋەر قىلغاندىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلىغان.
ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئوباما 15 - نويابىر كۈنى كەچتە شاڭخەيگە كەلگەندىن كېيىن، 16 - كۈنىدىلا، شاڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بۇ سۆھبەت ھەققىدە نەق مەيداندىن بېرىلگەن خەۋەرلەر ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە راۋان ئاڭلىتىلىپ ۋە كۆرسىتىلىپ تۇرغان. ئەمما شاڭخەينىڭ بىر يەرلىك ت ۋ ئىستانسىسى بۇ سۆھبەتنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ ئېنگىلىزچە ئاڭلاتتى.
خىتايدىكى 'شىنجىنباۋ گېزىتى' ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا قىلغان بىر جۈملە سۆزىنىلا ئېلان قىلالىغاندىن باشقا، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى، ئوبامانىڭ شاڭخەيدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارنىلا ئېلان قىلدى، ئوبامانىڭ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى كېسىۋەتتى.
'سەن شۇنى چۈشىنىۋال، ئامېرىكىلقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى پرېزىدېنت بەرمىگەن، ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار ئەركىنلىك'
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما 'ھازىر مەن ساڭا ئامېرىكىدا بارىنى سۆزلەپ بېرەي: ئامېرىكىدا ئىنتېرنېت ئەركىن، ئىنتېرنېتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، بۇ تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ'، 'سەن شۇنى چۈشىنىۋال، ئامېرىكىلقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى پرېزىدېنت بەرمىگەن، ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار ئەركىنلىك. ئامېرىكىدىكى ھەر بىر ئادەم بۇ ئەركىنلىك بىلەن ھۆكۈمەتكە، پرېزىدېنتقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئەركىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئادەملىك غورورىنى ھۈرمەتلەيدۇ' دېگەن.